يېمەك - ئىچمەك ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىدىكى مۇھىم ھالقا شوخلا، سەۋزە، كاللەكسەي ۋە يېشىل چېچەكسەي ئەرلەر ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەردۇر

 

ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 3 ئۈلۈشتىن ئارتۇق شوخلا، يېشىل چېچەكسەي، كاللەكسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى يەپ تۇرسا، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %50 كە يېقىن ئازىيىدىكەن.


سىن تەتقىقات مەركىزى 40 - 64 ياشقىچە بولغان 1230 نەپەر ئەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمى نورمال كىشىلەر، يېرىمى مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىكەن. تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ كىشىلەرنىڭ كۆكتات، مېۋە يېيىش مىقدارىنىڭ كېسەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ 4 - 5 يىل ئىلگىرىكى يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنىمۇ سۈرۈشتۈرگەن.


نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ %15 ى كۈندە 3 ئۈلۈشتىن ئارتۇق كۆكتات، مېۋە يەيدىغان كىشىلەر بولۇپ، كۈندە بىر ئۈلۈش كۆكتات، مېۋە يېگەن كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %48 تىن ئارتۇق تۆۋەن بولغان. ھەر ھەپتىدە 3 ئۈلۈشتىن ئارتۇق يېشىل چېچەكسەي، كاللەكسەي يېگەنلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %41 تىن كۆپرەك تۆۋەن بولغان


تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ قارىشىچە، ئۆسۈملۈكلەردىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ۋە ئالاھىدە ئۆسۈملۈك ماددىسىنىڭ بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغاچقا، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بەدەندە تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىدىكەن.


تەتقىقاتچىلار كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن پايدىلىنىپ مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى غىزالىنىش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ:


1.ناشتا قىلغاندا بىر ئىستاكان شوخلا شىرنىسى ئىچىش؛


2.چۈشتە سەۋزە، كاللەكسەي ياكى چېچەكسەي قوشۇلغان سالات ياكى سۇدا پىشۇرۇلغان كۆكتاتلاردىن بىر تەخسە يېيىش؛


3.كەچلىك تاماقتا پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ياكى قارا ئاشلىقنى قوشۇپ يېيىش


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قارا شېكەر ئەرلەرنىڭ جىگىرىنى ئاسراشقا پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەر دائىم بېلىق يەپ بەرسە دىيابېت كېسىلىدىن ساقلىنالايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .