كاۋا ئۇرۇقى قۇرت چۈشۈرۈش ، يۆتەلنى توختىتىش ، پارازىت قۇرت كېسىلى ۋە كۆك يۆتەلنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە

كاۋا ئۇرۇقى يەنە ئەرلەرنىڭ بالدۇر ئىسپىرما كېتىش ، سۈيدۈك كۆپ كېلىش ۋە مەزى بېزى يوغىناپ كېتىش كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ . 


كاۋا ئۇرۇقىنىڭ مىكروبسىز مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى ، ئۇدا ئۈچ كۈن 50 گرام ئەتراپىدا پىششىق ياكى خام كاۋا ئۇرۇقىنى يېگەندە ، دوۋساق ئاغرىش ، سۈيدۈك كۆپ كېلىش ، سىيىش قىيىن بولۇش كېسەللىكلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ . مەزى بېزى ياللۇغى گورمون ئىقتىدارىنى ئاجرىتىشقا ياغ كىسلاتاسىغا تاينىدۇ . كاۋا ئۇرۇقىدا ياغ كىسلاتاسى كۆپ بولغاچقا ، مەزى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى ساقلايدۇ .

 
ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدا ، ھەر كۈنى بىر سىقىم كاۋا ئۇرۇقى يېيىشنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرسا ، مەزى بېزى يوغىناپ كېتىشنى ساقايتىدۇ ،دېيىلگەن . كاۋا ئۇرۇقى 2 - باسقۇچتىكى كېسەللىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، 3 - باسقۇچلۇق كېسەللىكنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قولدا لەززەتلىنىش مەزى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەر قانداق چايلارنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .