مەزى بېزىدىكى نېرۋىلار داس بوشلۇقىدىكى نېرۋىلار توپىنى، جۈملىدىن سىمپاتىك نېرۋا ۋ

مەزى بېزىدىكى نېرۋىلار داس بوشلۇقىدىكى نېرۋىلار توپىنى، جۈملىدىن سىمپاتىك نېرۋا ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنى ئاساس قىلىدۇ. 
 
سىمپاتىك نېرۋا قوزغالغاندا، مەزى بېزى، ئۇرۇق خالتىسى ۋە ئۇرۇق نەيچىسىنىڭ سىلىق مۇسكۇلى يىغىلىپ ئۇرۇقنى ھەيدەيدۇ، سىمپاتىك نېرۋا يەنە سۈيدۈك يولىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇل بىلەن مەزى بېزىنىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇلىنى يىغىلدۇرىدۇ، ئەمما سۈيدۈكنى قىستىغۇچى مۇسكۇلنىڭ يىغىلىشىنى توسىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دوۋساق بوينى ۋە مەزى بېزىدىكى سۈيدۈك يولى ئېتىلىدۇ-دە، سۈيدۈكنىڭ چىقىشى توسۇلۇپ، مەنىي چىققاندا مەنىينىڭ يېنىش كېتىشىنى توسىدۇ. 
 
پاراسىمپاتىك نېرۋا ئاساسلىقى مەزى بېزى پۈۋەكچىسىنى ئاجرالما ئاجراتقۇزۇپ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى ھاسىل قىلىدۇ، پاراسىمپاتىك نېرۋا قوزغالغاندا، سۈيدۈكنى قىستىغۇچى مۇسكۇل يىغىلىدۇ، سۈيدۈك يولىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇل بىلەن مەزى بېزىنىڭ قورۇغۇچى مۇسكۇل كېڭىيىپ سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزىنىڭ قانداق فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزىنىڭ تاشقى ئايلانما رايونى دېگەن نېمە؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .