مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيىلەرنىڭ سانى ئازراق بولسا ھەمدە كەينى-كەينىدىن كىرى

 مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيىلەرنىڭ سانى ئازراق بولسا ھەمدە كەينى-كەينىدىن كىرىۋالمىسا مەزى بېزى ئاناتومىيىسىدە ۋە فىزىئولوگىيىسىدە نورمالسىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئورگانىزمىنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا باكتېرىيىلەر يوقىلىدۇ.

دېمەك، مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيىلەرنىڭ ھەممىسى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرۇشى ناتايىن.

ئەمما، ھەرقانداق بىر ئەھۋالدا مەزى بېزىنىڭ ئاناتومىيىسى ۋە فىزىئولوگىيىسىدە نورمالسىزلىق پەيدا بولسا (مەزى بېزىگە قان تولۇۋالسا، مەزى بېزى زەخىملەنسە ياكى باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا ) مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرۇشى مۇمكىن. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇرمۇشتا قايسى ئامىللار مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى قانداق يوللار ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .