1) ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش، ئۇزاق ئولتۇرۇش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن

1) ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش، ئۇزاق ئولتۇرۇش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن مەزى بېزىگە قان تولۇۋالىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى مانا مۇشۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
 
2) توڭلىغاندا مەزى بېزىنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسى قوزغىلىپ، سۈيدۈك يولىنىڭ ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، سۈيدۈكنىڭ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۇ چاغدا مەزى بېزى نەيچىسىمۇ يىغىلىۋېلىپ، سۈيدۈكنىڭ چىقىشىغا توسالغۇ بولىدۇ-دە، مەزى بېزىدە سۈيدۈك توختاپ قېلىش، قان تولۇۋېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. 
 
3) جىنسىي تۇرمۇش نورمال بولمىسا، مەسىلەن: جىنسىي مۇناسىۋەت زىيادە كۆپ بولۇش، ئانانىزم، جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئارىدا كەم ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى مەزى بېزىگە قان تولۇۋېلىش، ئاخىرىدا مەزى بېزى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قايسى تەكشۈرۈش ياكى داۋالاش ئۇسۇللىرى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيەلەرنىڭ ھەممىسى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرامدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .