تەكشۈرۈلگۈچى تىزىنى كۆكسىگە تەگكۈزۈپ يانتۇ ياتىدۇ ياكى دوڭغىيىپ تۇرىدۇ دوختۇر قول

 تەكشۈرۈلگۈچى تىزىنى كۆكسىگە تەگكۈزۈپ يانتۇ ياتىدۇ ياكى دوڭغىيىپ تۇرىدۇ. دوختۇر قولىغا پەلەي سېلىپ، ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى سىلىقلاش مېيىغا تەكۈزۈپ، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ مەقئىتىگە ئاستا تىقىدۇ.

بۇنىڭدا مەزى بېزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، قاتتىقلىق دەرىجىسى، ئاغرىيدىغان-ئاغرىمايدىغانلىقى، ئۆسمە بار-يوقلۇقى، تاش بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ.

بۇ چاغدا مەزى بېزىنىڭ ئىككى يان بۆلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە قولغا ئۇرۇق خالتىسى ئۇرۇنىدۇ. تەكشۈرۈشتە ھەرىكەت سىلىق بولۇشى، تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈشى، تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، مەزى بېزىنى ئۇۋۇلاپ، ئۇنىڭدىن سۇيۇقلۇق چىقىرىپ تەكشۈرۈلۈشى لازىم. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى سىنك مىقدارىنى تەكشۈرۈشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قايسى تەكشۈرۈش ياكى داۋالاش ئۇسۇللىرى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .