1 زېھنى ئوچۇق بولۇپ ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ۋە ئېغىر خىزمەتل

   1. زېھنى ئوچۇق بولۇپ ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ۋە ئېغىر خىزمەتلەرنى بىمالال ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش ، زىيادە ھودۇقۇپ كەتمەيدىغان ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغان بولۇش كېرەك .
 
   2.خۇش پېئىل ، پوزىتسىيەسى ئاكتىپ بولۇش ، مەسئۇلىيەتچان بولۇش ، چوڭ–كىچىك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش . 
 
   3.ئارام ئېلىشقا ماھىر، ئۇيقۇسى ياخشى بولۇش .
 
   4.ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە تولۇق ماسىلىشالايدىغان بولۇش .
 
   5.ئادەتتىكى زۇكامغا ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش.
 
   6.بەدەن ئېغىرلىقى مۇۋاپىق ، بەدىنىنىڭ يېتىلىشى تەكشى ، ئۆرە تۇرغاندا باش، مۈرە، بىلەك ماس كەلگەن بولۇش .
 
   7.كۆزى نۇرلۇق ، ھەرىكەتچان بولۇش، كۆزى ئاسان ياللۇغلانمايدىغان بولۇش .
 
   8.چىشلىرى پاكىز، چىشىغا قۇرۇت چۈشمىگەن ، ئاغرىمايدىغان بولۇش . چىشىنىڭ رەڭگى نورمال، قانىمايدىغان بولۇش .
 
   9.چېچى پاقىراپ تۇرۇش ، كېپەك بولماسلىق.
 
   10.مۇسكۇلى يېتىلگەن ، تېرىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولۇش كېرەك.
 
 مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى قانچە بۆلەككە بۆلىنىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى تۇبېركۇليوزى ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرۈشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .