مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيىلەرنىڭ سانى ئازراق بولسا ھەمدە كەينى-كەينىدىن كىر

   مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيىلەرنىڭ سانى ئازراق بولسا ھەمدە كەينى-كەينىدىن كىرىۋالمىسا مەزى بېزى ئاناتومىيىسىدە ۋە فىزىئولوگىيىسىدە نورمالسىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئورگانىزمىنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا باكتېرىيىلەر يوقىلىدۇ. دېمەك، مەزى بېزىگە كىرىۋالغان باكتېرىيىلەرنىڭ ھەممىسى مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرۇشى ناتايىن.
 
 ئەمما، ھەرقانداق بىر ئەھۋالدا مەزى بېزىنىڭ ئاناتومىيىسى ۋە فىزىئولوگىيىسىدە نورمالسىزلىق پەيدا بولسا (مەزى بېزىگە قان تولۇۋالسا، مەزى بېزى زەخىملەنسە ياكى باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا ) مەزى بېزىنى ياللۇغلاندۇرۇشى مۇمكىن. 

مەزى بېزى|前列腺

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھاراق ۋە تاماكىنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزىنىڭ تاشقى ئايلانما رايونى دېگەن نېمە؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .