مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىش ئەرلەر جىنسىي كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ بۇ ھەم ئەرلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە تۆۋەندىكى 3 ئامىل دەل ئەرلەردىكى مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىشنىڭ 3 جىنايەتچىسى ھېسابلىنىدۇ


 ئەرلەردىكى مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىش نىڭ 3 چوڭ جىنايەتچىسى

بۇ تۈردىكى بىمارلارنى يەنە روھىي پىسخىكىلىق بالدۇر يۈرۈپ كېتىش دىسىمۇ بولىدۇ . بۇخىل روھىي پىسخىكىلىق مەنىي بالدۈر يۈرۈپ كېتىشنىڭ ئىچكى ئامىلى ھەم تاشقى ئامىللار كۆپ ، مەسىلەن خىزمەت بېسىمى ، تۇرمۇش بېسىمى ۋەھاكازالار.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى ، بۇ خىل مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش ئالامىتى روھىي كەيپىياتنى بىردەملىك تەڭشىگەنگە ئوڭشىلىپ قالمايدۇ . ھەم بۇ خىل بالدۇر يۈرۈپ كېتىش ئەھۋالى كۈندىلىك تۇرمۇشقا ، روھىي كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزۈپ ، بىمارنىڭ روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ . شۇڭلاشقا ئاۋۋال ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ ، قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلىش لازىم . 

2.جىنسىي كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەر

كۆپىنچە جىنسىي كۆپىيىش سىستىمىسى كېسەللىلىرى ئەرلەرنىڭ مەنى چىقىرىش نېرۋا سىستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، ھاياجانلىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . بۇ دىگىنى تېخىمۇ ئاسان مەنى يۈرۈپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتىدۇ . مەسىلەن سۈيدۈك يولى ياللۇغى ، ئۇرۇقدان خالىتىسى ياللۇغى ، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار . بۇلارنى نوپۇزلۇق دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ داۋالىنىش لازىم .

3.باشقا ئامىللار

خەتنە تېرىسى زىيادە ئۇزۇن بولۇش ، تار ئىچ كىيىم كىيىۋېلىش قاتارلىق ئامىللار جىنسىي ئەزانى داۋاملىق غىدىقلاپ تۇرغاچقا ، ئەرلەردىكى بالدۈر يۈرۈپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 

1.روھىي ئامىللار

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەرنىڭ تاقىرباش بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .