د مۇھەممەد ئەلىي بار ( ئەنگىلىيەدىكى خان جەمەتى دوختۇرلار ئىنىستۇتىنىڭ بىر ئەزاسى ، جىددىدىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىيز ئۇنىۋىرسىتىدىكى پادىشاھ فەھد تىببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىسلامى تىبابەت فاكۇلتىتىنىڭ مەسلەھەتچىسى ) ئۆزىنىڭ خەتنە قىلىش دىگەن كىتابىدا مۇ


" يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ( يەنى ، ھاياتىنىڭ بىرىنچى ئىيىدا ) خەتنىسىنى قىلىش ئۇلارغا نۇرغۇن ساغلاملىق پايدىلىرىنى ئىلىپ كىلىدۇ ، ئۇلاردىن : 
 
1- زەكەردىكى يەرلىك ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش : ئۇ خەتنىلىك بولغانلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ ، خەتنىلىك تارىيىش دىيلىدۇ ھەمدە ئۇ سىيەلمەسلىكنى ھەمدە زەكەر ئۇچى ياللۇ غلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى داۋالاشقا خەتنە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇزۇنغا سوزۇلغاندا ، بالىنىڭ كەلگۈسىدە نۇرغۇن كىسەللىكلەرگە ، ئەڭ خەتىرى زەكەر راكىغا گىرىپتار بولۇشىغا ئۇچرىتىدۇ . 
 
2- سۈيدۈك يولىدىكى ياللۇغلار : نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى ، خەتنىسى قىلىنمىغان بالىلار سۈيدۈك يولى ياللۇغلىرىغا ئەڭ كۆپ گىرىپتار بولىدۇ . بەزى تەتقىقاتلاردا خەتنىسى قىلىنمىغان بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 39 ھەسسىگە يەتكەن . باشقا تەتقىقاتلاردا نىسبەت 10 ھەسسە بولغان ، يەنە باشقا تەتقىقاتلاردا سۈيدۈك يولى ياللۇغلىرىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ 95% ى خەتنىسى قىلىنمىغانلىقىنى كۆرسەتتى ، ھالبۇكى خەتنىسى قىلىنغان بالىلارنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 5% دىن ئاشمىغان . 
 
بالىلاردا ، سۈيدۈك يولى ياللۇغى بەزى ئەھۋاللاردا ئېغىر بولىدۇ . ۋايىس ۋەلنىڭ سۈيدۈك يولى ياللۇغلىرىغا گىرىپتار بولغان 88 بالا ھەققىدە ئىلىپ بارغان تەتقىقاتىدا ، ئۇلارنىڭ 36% ىدە ئوخشاش باكتىرىيە قاندىمۇ بايقالغان . ئۇلارنىڭ ئۈچى مىڭە پەردە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان . ھەمدە ئىككىسى بۆرەك ئىشلىمەسلىككە گىرىپتار بولغان . باشقا ئىككىسى بەدىنىگە مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ تاراپ كەتكەنلىكتىن ئۆلگەن . 
 
3- زەكەر راكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش : تەتقىقاتلار بىرلىككە كەلدىكى ، زەكەر راكى خەتنىسى قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا دىگۈدەك مەۋجۇت ئەمەس ، لىكىن خەتنىسى قىلىنمىغانلارنىڭ ئارىسىاىكى نىسبەت بولسا ئاز ئەمەس . ئامرىكىدا خەتنىسى قىلىنغانلارنىڭ زەكەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نۆل ، ھالبۇكى خەتنىسى قىلىنمىغا ئاھالىلەرنىڭ ھەر 100 مىڭدا 2.2 بولۇپ ، ئۇ يەردە راكنىڭ ئەھۋالى ھەر يىلى 750 بىلەن 1000نىڭ ئارىسىدا بولغان . ئەگەر ئاھالىلەر خەتنىسى قىلىنمىغان بولسا ، كىسەللەرنىڭ سانى 3000 گە يىتىدۇ . جوڭگو ، ئۇگاندا ، پۇرتورىكوغا ئوخشاش خەتنىسىنى قىلمايدىغان دۆلەتلەردە زەكەر راكى ئەرلەر گىرىپتار بولىدىغان بارلىق راكلارنىڭ ئىچىدە 12% دىن 22 % گىچە ئىگىلەيدۇ . ھەمدە ئۇ ئىنتايىن يۇقۇرى نىسبەت . 
 
4- جىنسىي كىسەللىكلەر : تەتقىقاتچىلار شۇنى بايقىدىكى ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ( كۆپىنچە زىنا-پاھىشە ۋە بەچچىۋازلىق سەۋەبىدىن) يۇقىدىغان جىنسىي كىسەللىكلەر خەتنىسى قىلىنمىغانلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتىمۇ خەتەر ۋە زور دەرىجىدە تارقىلىدۇ ، بولۇپمۇ ھىرپىس ، يۇمشاق قىچىشىش ، سىفلىس ، كاندىدا ، گونورىيا ۋە جىنسىي ئەزا خورەكلىرى . 
 
بۇ يەردە يەنە خەتنە قىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلمىغان قۇرداشلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقىنى ئازايتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان بىر قانچە ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرى بار . بىراق بۇ خەتنىسى قىلىنغۇچىنىڭ ئەيدىز بار كىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقىنى يوققا چىقارمايدۇ . خەتنە قىلىش ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ ، ھەمدە بۇ نۇرغۇنلىغان جىنسىي كىسەللىكلەردىن زىنا-پاھىشە قىلىش ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ، بەچچىۋازلىق ۋە باشقا يىرگىنىشلىك ھەركەتلەردىن يىراقلىشىشتىن باشقا ھەقىقىي يولى يوق . 
 
5- خوتۇنىنىڭ بالاياتقۇ بوينى راكىدىن ساقلاش : تەتقىقاتچىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى ، خەتنىسى قىلىنغان ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرى خەتنىسى قىلىنمىغان ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرىغا قارىغاندا بالاياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاز . 
 
د. مۇھەممەد بارنىڭ « خەتنە قىلىش» ناملىق كىتابى 76-ب دىن ئىلىندى . 
 
مەنبە:ئىسلام سۇئال-جاۋابلىرى تورى 
مەنبە: 80 خالتا بلوگى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ۋە ئەرلىك سالاپەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەرگە پايدىلىق 12 خىل يېمەكلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .