ئەرلىك ھورمون ئەرلەرنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىگە ھەر قاچان تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، ناۋادا سىىز ۋۇجۇدىڭىزدا ئەرلىك سالاپەت كەمچىلدەك ھېس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىغا بېرىپ مۇسكوللۇرىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ، ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئەرلىك



           مۇسكوللارنىڭ تەرەققى قىلغان قىلمىغانلىقى ئارلىك سالاپەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان موھىم ئامىل، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسكۇلنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئاساسلىق چارە ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۆرە دۈمبە ۋە بىلەك مۇسكۇلىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش يەنە مۇسكۇلنى مەشىقلەندۈرىدىغان ۋاستە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەرلىك ۋۇجۇدىدىكى ئەرلىك ھورمون سەۋىيىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش رولى ئالاھىدە . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئەڭ ياخشى ئورۇقلاش ئۇسۇلى ، ئورۇقلاش بەدەن سۈپىتى ئاشقانلىقنىڭ بەلگىسى .


           ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتىن باشقا يەنە، يەر بېغىرلاش، ئولتۇرۇپ-قوپۇش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجىرلىشىنى تىزلىتىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى، ئاستا رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەرىكەت ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەرلىك سالاپەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سوغۇق ھاۋا --- مەزى بېزى ئاسان زەخىملىنىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى خەتنە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى توغرىسىدا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .