ئەرلەر ئەتراپىدىكى ھەزەر ئەيلەيدىغان ‹‹قاتىل››لار


     تېز تاماقخانا تائاملىرى :
تەكىبىدە كاناماش(دادۇر) بار يېمەكلىكلەر كۆپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇنغا ئوخشايدىغان ماددا بولۇپ ، بۇ ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن . 
 
   ئاپتوموبىل ھەيدەش : ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتى ئۇدا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتسە ، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرما سۈپىتىگە تەسىر يېتىدىكەن . 
 
   قاتناش ۋاستىلىرىدىن بۇلغىنىش : ھاۋادىكى ئازوت ئوكسىدى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدىكەن . 
 
   خاتىرە كومپىيۇتېر : تىزىغا قويۇپ ئىشلەتكەندە ، كومپىيۇتېر چىقارغان ئىسسىقلىق ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلەيدۇ . 
 
   يانفون : يانفون رادىئاتسىيىسى ئىسپېرمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى زەخمىلەندۈرىكەن ياكى ئۆلتۈرىدىكەن . 
 
   قەغەز زاكا : قەغەز زاكا ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . 
 
   ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى دورىلار :ئۇنىڭدىكى خېمىيىلىك ماددىلار ئەرلىك گورمۇن ئاجرالمىلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىدىكەن . 
 
   تاماكا چېكىش : دائىم تاماكا چېكىش ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۈپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن . 
 
   تار ئىشتان كىيىش ۋە قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش :ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىدىكەن . 
 
   قەھۋە : قەھۋە تەركىبىدىكى ماددىلار ئىسپېرمىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىدىكەن .
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەرنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى روھى بېسىمى ئەڭ ئېغىر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سوغۇق ھاۋا --- مەزى بېزى ئاسان زەخىملىنىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .