قانداق قىلغاندا روھىي جەھەتتىكى توسالغۇنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟تۆۋەندە بىر قانچە نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمىز


            1. مەزى بېزىغا ياللۇغىغا دائىر ساۋاتلارنى بىلىۋېلىش كېرەك.
            ئاستا خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا دائىر ساۋاتنىڭ كەمچىل بولۇشى،بىمارلارنىڭ روھىي جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچىرىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.بەزى بىمارلارئايرىم بىر قىسىم ئىلمىي ئاساسى يوق ئېلان ۋە تەشۋىقاتلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ،ئاقىۋەتتە ياخشى ئۈنۈم كۆرەلمىدى.بۇ ئەكسىچە بىمارلارنىڭ ساقىيىش ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ،روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.شۇڭا بىمارلار مەزى بېزىغا ياللۇغىغا دائىر ساۋاتلارنى ئۈگىنۋېلىشى،قانداق دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى، قانداق داۋالىنىشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.
 
            2. غەم-ئەندىشىنى يوقىتىپ،رېئاللىققا يۈزلىنىش كېرەك.
 
            كۆپلىگەن بىمارلار جىمغۇر مىجەز،نومۇسچان بولغانلىقتىن،ئۈزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەشكە خىجىل بولىدۇ.بۇ ئوڭايلا بىمارلاردا بىر خىل قايغۇرۇش،قورقۇش،ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق روھىي توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بىمارلار چوقۇم رېئاللىققا يۈزلىنىشى،ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا روھىي جەھەتتىكى توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە يوقاتقىلى بولىدۇ.
 
            3. ساغلام بولغان جىنىسىي ئاڭ بولۇش كېرەك.
 
            بەزى بىمارلارنىڭ جىنىسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىسىمۇ،ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەپ،مۇنتىزم دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنۈشنى خالىمايدۇ.بۇنىڭ بىلەن كۈنلىرىنى غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.بۇنداق روھىي توسالغۇ ۋە كەيپىيات،بىمارلارنىڭ روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ،داۋالاشقا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.شۇڭا بىمارلار ساغلام بولغان جىنىسىي ئاڭنى تىكلىشى لازىم.
 
            4. روھىي جەھەتتىكى پەرۋىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىمارلارنىڭ غەم-ئەندىشىنى يوقىتىش كېرەك.
 
            ئاستا خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ئۇزاق مەزگىل داۋالىنىش تۈپەيلىدىن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى ئېغىرلىتىپ قويىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.شۇڭا ئائىلە ئەزالىرى ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشى،ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى غەم-ئەندىشىسىنى يوقىتىش لازىم.
 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئىسپىرما ھەددىدىن زىيادە خوراش كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەرنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى روھى بېسىمى ئەڭ ئېغىر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .