ھازىرقى جەمئىيەتتە ، ئەرلەر ناھايىتى قالتىس ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نۇرغۇن ھارغىنلىق ئىچىدە كۈن كەچۇرۋاتىدۇ يېقىندا نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامىرىكىدىا ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش مۇمكىنچىلىقى ئاياللارنىڭ 4 ھەسسىسى

                  بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى ، كۆپلىگەن ئەرلەر خامۇشلۇق كېسەلىكى بولسىمۇ لېكىن خامۇشلۇق كېسىلىنڭ قايغۇرۇش ، روھىي جەھەتتىن قورقۇش ، بىئارام بولۇش دەك كېسەللىك ئىپادىلىرى كۆرۈلمەيدۇ ، شۇڭلاشقا قالغان يېرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويماق تەس توختاپ قالغان .

 



                   ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىپادىلرى : ھاراق ئىچىش ، قوپاللىق قىلىش ، زەھەرلىك چىكىملىك چېكىش ، قاتناش ۋاسىتلىرىنى (مەسىلەن ماشىنا ، موتوسىكىلىت ...) يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەش، باشبالتاقچىلىق قىلىش ، تەڭ تۇرۇش لاردىن ئىبارەت . ئۇلار ئايال خامۇشلۇق كېسەللىكى بىمارلىرىغا ئوخشاش ئوزىدىن گۇمانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسىتىن ، بەلكى باشقىلارنى بوزەك قىلىش ، قورقىتىش ، خاتالىقلارنى ئەترەپتىكى كىشىلەرگە دۆڭگەپ قويۇشدەك ئىشلەرنى قىلىدۇ . كۆپلىگەن ئەرلەرنى ئېلىپ ئېيتقاندا ئاچچىقلىنىش ئىچكى روھىي دۇنياسىدىكى ئازابنى يوشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى  بولۇپ ، بۇ خىل ئىپادە ئارقىلىق باشقىلارنى كونتىرول قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ياشىماسلىقتەك روھىي خائىشىنى ، ئارزۇسىنى ئەتراپتىكىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان . ئامېرىكا بوستون شەھىرىدىكى مەكىرىن دوختۇرخانىسىنڭ ئەرلەر بۆلۈمى مەركىزىدىكى روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخخەسىسى ۋىللىيام مۇنداق دىگەن : ئاچچىقلىنىش ----ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى .

                   مەسىلەن بىر ئادەتتىكى ئىشچى ، ئۇناھايىتى تىرىشىپ ئىشلەيدىكەن ، خىزمەتنى دائىم نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملايدىكەن . لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس قىلىشىچە ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئالدىراقسانلىق ھەم چېچىلاڭغۇ  ئىكەن . خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزئارا كوت -كوت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلىرىنى پاراڭلىشىشىدىن ناھايىتى بىزار ئىكەن . ھەر كۈنى كەچتە ، غەرق مەس بولۇپ قايتىپ كېلىدىكەن . ئۇ قىزلارنىڭ ھەم دوستلىرىنىڭ ئالدىدا غەلىتە ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىقرار ئىكەن  . ئۇنىڭ يەنە ئاشقازان ھەم تېرە تاشما كېسىلى بار ئىكەن . ئۇ مۇنداق ئويلايدىكەن : ئەگەر ئەرلەر كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بەكلا ئىپادىلەپ كەتسە  ، ناھايىتى ئوسال بولىدۇ ، ئۇنىڭغا  نىسبەتەن كۆڭلى ھەددىدىن زىيادە يېرىم بولۇش  غالجىرلاشقان بىلەن ئانچە پەرقى يوق . ھازىرقى جەمئىيەتتە ، كۆز يېشى بىلەن ھورۇنلۇق ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرزى ، ئەرلەرنىڭ نەزىردە خامۇشلۇق نازۇكلۇققا ، يارامسىزلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ . بۇندا ق بولسا ئەركەكلىك سۈپىتى بولمايدۇ . ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلىق بولىدۇ ...ۋەھاكازالار...

                   شۇڭلاشقا بەزى روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى خامۇشلۇقنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قايتىدىن بەلگىلەشنى تەۋسىيە قىلماقتا . ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى: زىيادە كۆرەڭلەش ھەم چوڭ سۆزلەش ، يالغۇز قالغاندا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاش ، يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش ، بىھۇدە خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە يۈزلەنگەندە تىرناقتەك ئىشلارغا ئاچچىقلىنىش ، ...قاتارلىقلارنى قوشۇشنى ئويلاشماقتا . بەزى ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر ، مەسىلەن:سىياسىيونلار ، تەنتەربىيە چولپانلىرى ، كارخانا خوجايىنلىرى ...ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئالامەتلەر بارلىقىنى ئىقرار قىلغان .

                   ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئەرلەر ئاۋۋال كۆڭۈل قويۇپ سەرچانلىق بىلەن ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .سۆيگىنى ھەم يېقىن دوستلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپبېقىشلازىم . چۈنكى ئۇلار بىماردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئەڭ بۇرۇن بايقايدىغان كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئەتراپىدا مۇشۇنداق ئەرلەر بولسا ، ئۇلارغا ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . خامۇشلۇق ھەرقانداق ئادەمدە بولىدىغان كېسەللىك . ئېغىرلاپ كەتسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش كېرەك . 

 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەر ساغلاملىقىنىڭ ئون چوڭ ئۆلچەم تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىسپىرما ھەددىدىن زىيادە خوراش كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .