ئېرقنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەم ھەر ئادەمنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ


         دۆلىتىمىزدىكى كۆپلىگەن مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشى ھەم سىتاتىسكىلىشى ئارقىسىدا شۇنى بايقىدۇقكى ، ئادەتتە زەكەرنىڭ قاتمىغان ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇقى 4~6 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولسا نورمال بولىدۇ . بەزىلەرنىڭ 10~11 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال . 

            زەكەر قاتقان ۋاقىتتىكى ئۇزۇنلۇقى 10~15 ئەتراپىدا بولسا نورمال . لېكىن بۇلار ئۇزۇنلۇق ھەممە ئادەمگە ئوخشاش دىيىشكە بولمايدۇ .

             زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى يەنە ۋاقىت ، پەسىل ، ئوخشىمىغان روھىي كەيپىيات ، بەدەن ساغلاملىق ئەھۋالى ، تېمپىراتۇرا...قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئادەتتە ، يازدا قىشقا قارىغاندا سەل ئۇزۇن بولىدۇ ، قىشتا سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشى بىلەن سەل قىسقا بولىدۇ ، ئەگەر زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى تەكشۈرگەندە ، ئۆي ئىچى تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولسىمۇ زەكەر قىسقا بولىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ .

             ئەگەر تەكشۈرگۈچى زىيادە ئورۇق ياكى زىيادە سېمىز بولسىمۇ ، زەكەر قىسقا بىلىنىپ قالىدۇ . چۈنكى زىيادە سېمىز بولغاندا زەكەر تېرە ئاستى مايلىرى بىلەن قاپلىنىپ قالىدۇدە ، سىرتقا چىققان قىسمى قىسقىراق بولۇپ قالىدۇ .

             زەكەرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ئۆلچىگەندە ، سىزغۇچنى زەكەرنىڭ تۈۋىگە تاقاپ ، ئاندىن سۈيدۈك چىقىش يولىغىچە بولغان ئارىلىقنى سانتىلىسا بولىدۇ . بۇ چاغدىكى سانلىق ئۇچۇر بىر قەدەر توغرا بولىدۇ .

             بەزى كىشىلەر يۇقارقى ئۆلچەمدىن چەتنەپ كەتسە ، زىيادە روھىي بىسىم قىلىۋالىدۇ . بۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز . ئادەتتە زەكەر نورمال قاتسا ، نورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگىلى بولسا ، ئىسپىرما نورمال چىقسىلا بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ . 

 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەرنىڭ يېشى چوڭايسىلا چوقۇملا ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولامد توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .