مەزى بېزى يەتتە ئىشتىن قورقىدۇ

مەزى بېزى يەتتە ئىشتىن قورقىدۇ


بېسىم: ئەرلەر ئولتۇرغاندا بەدەننىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئېغىرلىقى مەزى بېزىگە چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن  بەز تەنچىسىگە قان چۈشۈپ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقنى بەدەن سىرتقا چىقىرىشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ يۇمشاق ئورۇندۇق ۋە كىرىسلودا ئۇزاق ئولتۇرغاندا، باكتېرىيەسىز مەزى بېزى ياللۇغىنى ياكى مىكروبلۇق مەزى بېزى ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

سوغۇق: ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىدېنى ئىسسىقتىن قورقىدۇ، ئەمما مەزى بېزى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە سوغۇقتىن قورقىدۇ، ھاۋا سوۋۇغاندا سىمپاتىك نېرۋىلار ھاياجانلىنىش خاراكتېرلىك كۈچىيىپ، مەزى بېزى تەنچىسىنى قىسقارتىۋېتىدۇ، بەز نەيچىسى ۋە قان نەيچىسى كېڭىيىپ سوزۇلۇپ قان چۈشۈشنى پەيدا قىلىپ مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ.

قىسىش: نورمال ئەھۋالدا ئەرلەر سۈيدۈك يولىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا مېكروبلار پارازىت ياشايدۇ، كىچىك  تەرەت قىلغاندا مىكروبلار سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ ۋە سۈيدۈكنى ھەمىشە قىسىش مىكروبلارنى تەتۈرىچە ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، سۈيدۈك يولىغا ئاپىرىپ قويۇپ مەزى بېزى ياللۇغىنى قوزغايدۇ.

مەست بولۇش: ئىسپىرتنىڭ غىدىقلىشى تۈپەيلى مەزى بېزىنىڭ قىسمەن قىزىل قان تومۇرلىرىدا تېز  كېڭىيىش،قان چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ، مەزى بېزى ئەتراپىدىكى نېرۋىلارمۇ بېسىمغا، تورمۇزلاشقا ئۇچرايدۇ.

تاماكا: تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىدۇكى، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ مەزى بېزى كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانغا قارىغاندا 1-2ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

چۈچۈمەل يېمەكلىك: مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چۈچۈمەل  نەرسىلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلىش مەزى بېزى ۋە سۈيدۈك يولىنى غىدىقلاپ، ئۆتكۈر مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

شەھۋانىيلىققا بېرىلىش: مەزى بېزىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى شەھۋانىلىققىغا بېرىلىشتۇر. جىنسىي  تۇرمۇش ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە مەزى بېزىگە قان زىيادە تولۇپ، مەزى بېزى ياللۇغىنى قوزغايدۇ، جىنسىي ھەۋەسنى زىيادە قىسىۋىلىش مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ زور مىقداردا يىغىلىپ قېلىشنى پەيدا قىلىپ، ياللۇغ ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .