ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﻳﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ, ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭﺩﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯗ ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻼ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ

ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﭼﯧﻴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﻰ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﭼﯧﻴﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. 

1. ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ, ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ, ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. 

2. ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ,  ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺴﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﺍ. ﺋﯘ ﺋﻪﺯﺍ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯧﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﺎﺭ. 

3. ﻗﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭﺩﻩ ﻣﻮﻝ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯧﻠﯧﻨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. ﺳﯧﻠﯧﻨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﻗﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﭖ, ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. (ﺋﺎﻧﯩﻘﯩﺰ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ) 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .