ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺋﯘﺧﻼﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ

ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ 1950-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1972-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﯞﻩ 1982-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 2012-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ, ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ 800 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ, ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ  ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ, ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ 1500 ﯞﻩ 8700 ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺧﻼﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ: 65 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 3~5 ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺋﯘﺧﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﻰ, ﻛﯜﻧﺪﻩ 7 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯘﺧﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ %55 ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ, ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯘﺧﻼﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ 6 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﻰ %29 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻐﺎﻥ. 65 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯩﻨﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﺭﻕ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ.

ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﭽﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﯩﺴﯘﺳﺎﻥ ﺳﯩﺘﻪﭘﯧﻞ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻛﯜﻥ-ﺗﯜﻥ ﺭﯨﺘﯩﻤﻰ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯧﻼﺗﻮﻧﯧﻨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻙ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﮔﯧﻨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻰ, ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﭗ, ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. (ﺋﺎﻳﺠﺎﻣﺎﻝ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺪﯗ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﭼﯧﻴﻰ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .