ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻻ ﻳﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺴﯩﻤﯘ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. 

ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﯞﻩ ﻣﺎﻱ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ B1, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ E, ﺗﯚﻣﯜﺭ, ﺳﯩﻨﯩﻚ, ﺳﯧﻠﯧﻦ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ, ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﻛﯚﭖ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﺎﻱ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ, ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻳﺪﯗ


ﻛﺎﺭﻭﺗﯧﻨﻮﺋﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﯩﻨﻰ, ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ 40 ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﺭﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ, ﺗﯧﺴﺘﻮﺳﺘﯧﺮﻭﻥ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ DHT ﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻨﻰ DHT ﻧﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ, ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. 

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘﻛﻰ, ﻛﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ, ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. (ﺋﺎﻧﯩﻘﯩﺰ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ) 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﮔﯚﺷﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .