«ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯩﺮﻯ» ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﻧﺎﻥ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﯧﺘﯩﺶ, ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ

ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻛﺎﻟﯩﻲ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯨﺘﯩﻤﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺶ, ﻳﯜﺭﻩﻙ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﺶ, ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ, ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ, ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺑﺎﻧﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ

ﺑﺎﻧﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯦﯟﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ, ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺳﯩﺘﺮﻭﺗﻮﻧﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ, ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

 ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻯ , ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﻧﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﺎﻧﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﮔﻨﯩﻴﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯩﺪﯗ, ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ.(ﺗﺎﮬﯩﺮﺟﺎﻥ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بويتاقلار زۇكام بولۇپ قالسا ئاسان ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .