بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش، يۆتىلىش، باش ئاغرىش، زۇكام ئالامەتلىرى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بويتاق كىشىلەر زۇكام بولۇپ قالسا ئاسانلا يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ، كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن

    تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جەمئىيەتتىكى ئالاقىسى كۈچلۈكلەرگە قارىغاندا، بويتاق ھەم يالغۇز يۈرىدىغانلار زۇكام بولۇپ قالسا ئېغىرلىشىپ ۋاقتىدا ساقايمايدىكەن. يالغۇزلۇق ھېس قىلىش پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئىنتايىن زىيانلىق، ئۇ جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، بۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشقىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار 18 دىن 55 ياشقىچە بولغان 159 كىشىنى تەجرىبە قىلغان. ئۇلارغا بۇرۇنغا تېمىتىلىدىغان دورا بېرىپ زۇكام قىلغاندىن كېيىن، يالغۇزلۇق ۋە جەمئىيەت ئالاقە كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈپ چىققان. نەتىجىدە، بويتاق، ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىدىغانلارنىڭ زۇكىمى ئېغىرلىشىپ كەتكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېسسىيات تەسىرى بىلەن پىسخىك ئامىل تەن سالامەتلىك ۋە روھىي ساغلاملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

 

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەر تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا ئىسپىرمىنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ﺑﺎﻧﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .