مەزى بېزىنىڭ يېتىلىشى ئەرلىك ھورمۇن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئوغۇللار بوۋاقلىق چېغىدىن تاكى قى

مەزى بېزىنىڭ يېتىلىشى ئەرلىك ھورمۇن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئوغۇللار بوۋاقلىق چېغىدىن تاكى قىرانلىق دەۋرىگە يەتكۈچە مەزى بېزىنىڭ يوغىنىشى بىرقەدەر ئاستا بولىدۇ، قىرانلىق دەۋرىگە بارغاندىن كېيىن، ئەرلىك ھورمۇننىڭ تەسىرىدە مەزى بېزى تېز يوغىنايدۇ. ئوغۇللار قىرانلىق دەۋرىگە يەتكۈچە مەزى بېزىنىڭ تالالىق مۇسكۇلى ۋە ئاساس قىسمىدىكى ئۆتكۈزگۈچى نەيچە سىستېمىسى بىلەن بەز پۈۋەكچىسى يېتىلىپ بولغان بولىدۇ، 30 ياشقا يەتكۈچە مەزى بېزىنىڭ جۇغى مۇقىملىشىپ بولىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزىنىڭ سۈيدۈك يولى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى قايسى نېرىپلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .