ئەرلەر ساغلاملىقىنىڭ خەلقئارالق يېڭى ئۆلچىمىنى بىلەمسىز؟

1. زېھنى ئوچۇق بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ۋە ئېغىر خىزمەتلەرنى بىمالال ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇش، زىيادە ھودۇقۇپ كەتمەيدىغان ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغان بولۇش كېرەك.

2. خۇش پېئىل، پوزىتسىيەسى ئاكتىپ بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، چوڭ–كىچىك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش. 

3. ئارام ئېلىشقا ماھىر، ئۇيقۇسى ياخشى بولۇش.

4. ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە تولۇق ماسىلىشالايدىغان بولۇش.

5. ئادەتتىكى زۇكامغا ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش.

6. بەدەن ئېغىرلىقى مۇۋاپىق، بەدىنىنىڭ يېتىلىشى تەكشى، ئۆرە تۇرغاندا باش، مۈرە، بىلەك ماس كەلگەن بولۇش.

7. كۆزى نۇرلۇق، ھەرىكەتچان بولۇش، كۆزى ئاسان ياللۇغلانمايدىغان بولۇش.

8. چىشلىرى پاكىز، چىشىغا قۇرۇت چۈشمىگەن، ئاغرىمايدىغان بولۇش. چىشىنىڭ رەڭگى نورمال، قانىمايدىغان بولۇش.

9. چېچى پارقىراپ تۇرۇش، كېپەك بولماسلىق.

10. مۇسكۇلى يېتىلگەن، تېرىسىنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشى بولۇش كېرەك. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مەزى بېزى يەتتە ئىشتىن قورقىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزىنىڭ سۈيدۈك يولى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .