ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا بىرسىدە مەزى بېزى باركەن دەپ قويىدۇ ئەمەلىيەتتە مەزى بېزى ھەممىمىزدە بار ئەمما بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى بۇ كىشىدە مەزى بېزىدە كېسەللىك بار دىمەكچى ئۇنداقتا ، مەزى بېزى زادى نىمە؟ ئۇ نەدە بولىدۇ؟ قانداق ئالاھىدىلىككە ئېگە؟ قانداق كېسەللىكلەرنى بولىدۇ؟

مەزى بېزى 前列腺 دىگەن نىمە؟

مەزى بېزى ئەرلەرگە مۇھىم بولغان ، سۈيدۈك يولىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئوراپ تۇرىدىغان ، بەز توقۇلمىسى بىلەن مۇسكۇل توقۇلمىسىدىن تۈزۈلگەن بىر ئورگان . مەزى بېزى لىزى ئەە ئوخشاپ قالىدۇ، ھەم دوۋسۇنغا يېقىن تۇرىدۇ. مەقەتتىن بارماقنى سېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ، مەزى بېزىنىڭ ئارقا قىسمىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ . مەزى بېزىنىڭ ئوتتۇرىدىن سۈيدۈك يولى ئۆتىدۇ ، شۇڭلاشقا ، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىدە كېسەللىك بولغاندا ، كىچىك تەرەت قىلغاندا قىستاپ كېلىش ، ئىچىشىپ كېلىش ، كىچىك تەرەت قىلالماسلىقتەك مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ . 
 

مەزى بېزى ئادەم بەدىنىدە ئىچكى ۋە تاشقى ئاجراتما رولىغا ئېگە بىر بەز. مەزى بېزى ھەركۈنى 2 مىللىمىتېر ئەتراپىدا مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ . بۇ سۇيۇقلۇق ئەرلەر مەنىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەركىپ قىلىدۇ . بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ ئىچىدە مەزى بېزى ھورمونى بولىدۇ. مەزى بېزىنىڭ يېتەرلىك مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپ چىقىرىش چىقىرالماسلىقى ئاساسلىق بەدەندىكى ئەرلىك ھورموننىڭ كۆپ ئازلىقىغا باغلىق بولىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت يەنە مەزى بېزى ئۆزىنىڭ رولىنىڭ تولۇق بولۇش بولماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

مەزى بېزىدە قانداق كېسەللىكلەر ھەم ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ؟

مەزى بېزى يوغىناپ كېتىش، مەزى بېزى ياللۇغى ، مەزى بېزى ئىششىپ قېلىش ، مەزى بېزى ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن . بۇ كېسەللىكلەر بولغاندا ، مەزى بېزىنىڭ ئىچىدىن ئۆتىدىغان سۈيدۈك يولىنى قىستاپ تارايتىپ ، سۈيدۈك چىقىرىشنى تەسلەشتۈرىدۇ . بۇ بەزى كىشىلەردە بولىدىغان سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش ، كىچىك تەرەتنى تولۇق قىلالماسلىق ، كىچىك تەرەت قىززىق ئاچچىق كىلىش .. قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 

مەزى بېزىنىڭ قانداق روللىرى بار؟
1.ئۇرۇقنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا ياردەم قىلىدۇ .
2.ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەتچەنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
3.مەنىنىڭ سۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرىدۇ.
4.ئۇرۇقنىڭ ياشاش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.
5.سۈيدۈك يولىنىڭ تازىلىقىغا ياردەم بېرىدۇ.
6.جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ساقال ۋە يۈرەك كېسىلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى يەتتە ئىشتىن قورقىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .