بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ــ ئۇزاق ئولتۇرۇش، بولۇپمۇ ئولتۇرۇش قىياپىتىڭ توغرا بولماسلىقىدۇر مەسىلەن: بەلنى ئېگىپ دۈمچىيىپ ئولتۇرۇش، ئېڭىشىپ ئولتۇرۇش قاتارلىقلار شۇنىڭ ئۈچۈن، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئولتۇرۇش قىياپىتىنى توغرىلاش كېرەك ئولتۇرۇش قىياپىتى جەھەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىڭ:

كۆكرەكنى كېرىش، مۈرە ۋە بويۇن قىسمىنى بوشاشتۇرۇش؛ ئۈستەل ــ ئورۇندۇق ئېگىزلىكىنى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېگىزلىكىنىڭ نىسبىتىگە ماسلاشقان ئەڭ ياخشى ھالەتكە تەڭشەش كېرەك: قەددىنى رۇسلاپ، ساغرا قىسمى ۋە دۈمبە قىسمىنى ئورۇندۇق يۈزى بىلەن تولۇق ئۇچراشتۇرۇش ،بويۇن، مۈرە قىسمىنى بوشاشتۇرۇش كېرەك. باشنى بىر ئاز ئالدىغا قىيسايتىپ، كۆز بىلەن ئۈستەل يۈزىنىڭ ئارىلىقىنى 33 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ساقلاش كېرەك.

بىر سائەت بويۇن قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرش: ئۇزاق مۇددەت ئۈستەلدە خىزمەت قىلىدىغانلار، بىر سائەت ئەتراپىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، مەقسەتلىك ھالدا باش ۋە بويۇن قىسمىنى ئالدى-كەينىگە، ئوڭ-ۋە سولغا ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك. ھەرىكەتلەندۈرگەندە، ھەرىكەت سىلىق ۋە ئاستا بولۇشى، ھەر قايسى يۆنىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەت چېكىگە يېتىشنى ئۆلچەم قىلىش لازىم. بۇنىڭ بىلەن بويۇن ئومۇرتقىسى بوغۇمىنىڭ چارچاش ھالىتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

باشنى كۆتۈرۈپ يىراققا نەزەر سېلىش: ئۇزاق مەزگىل يېقىن ئارىلىقتا بېشىنى تۆۋەن قىلىپ خىزمەت قىلغاندا بويۇن ئومۇرتقىسى تەسىرگە ئۇچراپلا قالماستىن، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاسانلا ئاجىزلىشىدۇ، ھەتتا كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇشىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ھەر قېتىم ئۇزاق ۋاقىت ئۈستەلدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا باشنى كۆتۈرۈپ يىراققا نەزەر سېلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، چارچاش تۇيغۇسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ، بۇلارمۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ساغلاملىقىغا پايدىلىق.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلىك ئەزانىڭ رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەر 40 ياشتىن ئاشقاندا… توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .