بىرقىسىم ياشلار بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە مۇناسىپ جىنسىي ساۋاتلارغا ئېرىشەلمىگىنى ئۈچۈن، ئۆزىدىكى نۇرغۇن نورمال بولغان ئانوتومىيەلىك ۋە فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىلەرنى خاتا ھالدا كېسەللىك دەپ بىلىپ ئازابلىنىدۇ

بۇ خىل (مېيىپلىق) تۇيغۇسى ئەر كىشىنىڭ ئەرلىك ئىشەنچىنى تۆۋەنلىتىدۇ. نەتىجىدە جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا ئاسانلا مەغلۇپ بولىدۇ. مەغلۇبىيەت ئۇنىڭ (مېيىپلىق) تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ خىل يامان شەكىللىك ئايلانما روھىي خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئىچكى ئامىل.

گەرچە بىز ئانانىزىم قىلىشنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلمىساقمۇ، ئانانىزىم قىلىشتىن ئۇنچىۋالا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق---بوغدا دوختۇرخانىسى

ئانانىزىم قىلىش بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدىنىيىتىدە دېگىدەك ئەخلاقسىزلىق، سالامەتلىك ئۈچۈن تولىمۇ زىيانلىق دەپ قارالغان. ئەمما ئىلمىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئانانىزىم قىلىش ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن جىنسىي تۇرمۇش بولۇپ، ئەگەر تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولسا، ئانانىزىم قىلىش ئۇ قەدەر قورقۇنچلىق ئەمەس:

بىرىنچى، ئانانىزىم قىلىۋاتقان بالا بۇ ئىشنى تولىمۇ پەسكەشلىك ھېسابلايدۇ. شۇڭا ئۇ ھەر قېتىمدا ئۆزىنى ئەيىبلەش تۇيغۇسى ئىچىدە جىنسىي لەززەتنى ھېس قىلىدۇ. بۇ خىل زىددىيەتلىك ئىچكى تۇيغۇ كەلگۈسىدە بۇ كىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشىگە روھىي توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى، ئانانىزىم قىلىۋاتقان بالا بۇ ئىشنى ئامال بار ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا تۈگىتىشكە تىرىشىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىسپىرما چىقىرىش ۋاقتى ئاستا-ئاستا قىسقىراپ، كەلگۈسىدە توي قىلغاندىن كېيىن ئىسپىرمىسى بالدۇر كېتىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. رېئاللىقتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسپىرما بالدۇر كېتىش مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى مۇشۇ خىل «چېنىقىش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئۈچىنچى، بىرقىسىم  ياش- ئۆسمۈرلەر قوپاللىق بىلەن ئانانىزىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى ئۇنچىلىك قىسىش كۈچىگە ئىگە بولمىغاچقا، مۇنداق يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن يېتەرلىك غىدىقلاش ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن.

تۆتىنچى، ئانانىزىم قىلىش ئۈچۈن ھېچكىم بىلەن مەسلىھەتلىشىش كەتمەيدۇ. شۇڭا بىر قىسىم شارائىتى بار، ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك ياشلار ھەددىدىن ئارتۇق شۇغۇللىنىپ، چارچاش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆگىنىش، چېنىقىش، خىزمەت ئىشلىشىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئانانىزىم قىلىش جىنسىي تۇرمۇشنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەر ھەربىر ئادەمنىڭ جىنسىي تۇرمۇش سىجىللىقى شۇ ئادەمنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، بەك ئاز بەك كۆپ بولۇش سالامەتلىك ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر ئەر كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئېھتىياجدىن ئاشقاندا ئەر كىشى جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ.

مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئىجابىي جەھەتتىن تىرىشىپ ئۆگىنىش، ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئەستايىدىل ئىشلەش ھەققىدە تەربىيەنى كۈچەيتىشىمىز، ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈن شەھۋانىي تۇيغۇلار ئىچىدە يۈرۈپ، ياشلىق باھارىنى ئىسراپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانانىزىم قىلىش قاتارلىق ھادىسىلەرگە قارىتا توغرا پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز، ئارتۇقچە جىددىلىشىپ بالىلارغا ئورۇنسىز بېسىم پەيدا قىلماسلىقىمىز لازىم. خۇلاسە شۇكى، گەرچە بىز ئانانىزىم قىلىشنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلمىساقمۇ، ئانانىزىم قىلىشتىن ئۇنچىۋالا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەنبە: ئەرلەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسىسى ئەركىن ھاشىم ئەپەندىنىڭ"جىنسىيەت ۋە روھىيەت"ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بەزى ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش مېيى ئەرلەرگە زىيان سالىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلىك ئەزانىڭ رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .