ئامېرىكا كېسەلنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىنكى 20 مىنۇت ئىچىدە بەدەندە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن ھەم كۆپ يىل داۋاملىشىدىكەن:

    20 مىنۇتتىن كېيىن قان بېسىمى، تومۇرنىڭ ھەرىكىتى نورماللىشىپ، قول ۋە پۇتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەسلىگە قايتىپ، سەككىز سائەتتىن كېيىن قاندىكى كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ نورماللىشىدىكەن،

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر


42 سائەتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەن.

48 سائەتتىن كېيىن نېرۋا شاخچىلىرىنىڭ ئۇچى يېڭىباشتىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن. پۇراش ۋە تەم سېزىش ئىقتىدارى كۈچىيىدىكەن،

ئۈچ ئايدىن كېيىن قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى %30 ئاشىدىكەن،

بىر ئايدىن توققۇز ئايغىچە ۋاقىتتىن كېيىن يۆتىلىش، بۇرنى قىزىرىش، چارچاش، نەپەس تىقىلىش يېنىكلەپ، ئۆپكىنىڭ تاشقى پەردىسىدىكى كىلىتكا تالچىقلىرى قايتىدىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى سىرتقا چىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدىكەن، يۇقۇملىنىش ئازىيىدىكەن، بەدەننىڭ ئومۇمىي زېھىن كۈچى ئاشىدىكەن، بىر يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭكىدىن %50 تۆۋەنلەيدىكەن،

بەش يىلدىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھەر كۈنى بىر قاپ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %50 تۆۋەنلەيدىكەن. سەكتە كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا تاشلىغان بەش يىلدىن 15 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تۆۋەنلەپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىدىكەن. ئېغىز راكى، كاناي راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭكىدىن% 50 تۆۋەنلەيدىكەن.

ئون يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكى بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن. راك بولۇش ئالدىدىكى كىلىتلار نورمال كىلىتلارغا ئۆزگىرىپ، ئېغىز راكى، كاناي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋسۇن راكى، بۆرەك راكى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن، 15 يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئانانىزىم ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەرلەردىكى مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىش نىڭ 3 چوڭ جىنايەتچىسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .