ئەرلەردىكى يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى دىگەن نىمە؟

 
ئەرلەردىكى يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى دىگەن نىمە؟


ئەرلەردە يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى يېتىپ كەلگەندە، قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ بەزى دوستلىرىم ماڭا، يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى يېتىپ كەلگەندە، ئادەم ئايالىغا قوپال تېگىدىغان بولۇپ قالىدۇ، دەيدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؟


       دوختۇر: بەزى دوختۇرلار ئەرلەردە يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەرلەردىمۇ يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى بولىدۇ، دەپ قارايدىغان دوختۇرلار نۇرغۇن كېسەل ئالامەتلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ، لېكىن بۇنداق كېسەل ئالامەتلىرىنى ھەرقانداق كىشىگە توغرىلاشقا بولىدۇ، بىرەر كىشىدە چوقۇم بۇ كېسەلنىڭ قانداق ئالامەتنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشى يوق.

      بەزىدە، كىشىلەر ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندىن كېيىن، جىنسىي ئىقتىدارىمدىن قېلىۋاتىمەن، دېگەن قاراش بىلەن بىرخىل ۋەھىمە پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ۋەھىمە بىلەن نۇرغۇن ئىدىيىۋى تەۋرىنىش، مەسىلەن، روھسىزلىنىش، ئەر-ئايال مۇناسىۋىتى نورمال بولماسلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئايال ئېرىنى كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، بەزىدە ئۇنى داۋالىتىشى كېرەك.

      ياشانغاندا كىشىلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشى ناتايىن. ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ ئېھتىمالى بولسىمۇ، لېكىن ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق يىل يەڭگۈشلەش دەۋرىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى ناتايىن، ياش، ساغلام كىشىلەردىمۇ جىنسىي ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ.

      جىنسىي تەلەپ ئازىيىش، مۇسكۇللار كۈچسىزلىنىش، ئاسان چارچاش، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە بولغان قىزىقىش كەملەش، خىزمەتكە بولغان قىزىقىش سۇسلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بىئارام بولۇش ۋە ئاسان تېرىكىش، نېرۋا جىددىيلىشىش، كەيپىيات تەۋرىنىپ تۇرۇش ھادىسىلىرى پەيدا بولىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ يىل يەڭگۈشلەش دەۋرىدە بولىشى ناتايىن.

 شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى


 يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى|更年期

  سوئال: ئ

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەرلەرنىڭ تاقىرباش بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مەزى بېزى كېسەللىكى بىمارلىرى يېمەك–ئىچمەكتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .