ئاشقازان دورىسىنى ئېچىش ۋاقتى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ ۋاقىتقا مەركەزلىشىدۇ :


     1.تاماقتىن ئىلگىرىكى يېرىم سائەت : بۇ ۋاقىتتا ئاشقازاننىڭ شىلىمشىق پەردىسىنى قوغدايدىغان ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ . ئاشقازاننىڭ ھەرىكەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان دورىنى كىسلاتالىققا قارشى دورىلار بىلەن بىللە ئىچىشكە بولمايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، نۆۋەتتە ، بىر قىسىم كىشىلەر ھاراق ئىچىشتىن ئىلگىرى ئاشقازاننىڭ شىلىمشىق پەردىسىنى قوغدايدىغان دورا ئىچىۋالغاندا ، ئىسپىرتنىڭ ئاشقازاننى زەخمىلەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ . گەرچە بۇنداق قىلغاندا ئاشقازاننى بەلگىلىك نىسبەتتە قوغداپ قالغان تەقدىردىمۇ ، لېكىن ئىسپىرىتنىڭ جىگەر قاتارلىق باشقا ئەزالارنى زەخمىلەندۈرۈشىدىن ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ .

     2. تاماق بىلەن بىللە دورا ئىچىش . تاماق يېيىلگەندىن كېيىن ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىق ئاجراتمىسى ئاشىدۇ ، شۇڭا ئاشقازان كىسلاتاسىنى تولۇق كونترول قىلىدىغان ۋە كىسلاتالىشىشقا قارشى تۇرىدىغان دورىلارنى تاماق بىلەن بىللە ئىچىش كېرەك . بۇ دورىلارنى پۈتۈن پېتى ئىستېمال قىلىش كېرەك . ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىشىشىنى كونترول قىلىدىغان ۋە كىسلاتالىشىشىقا قارشى تۇرىدىغان دورىنىڭ ئىچىش ئارىلىقى بىر سائەتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك .

     3.تاماقتىن كېيىنكى بىر سائەت . بۇنداق ۋاقىتتا ئاساسلىقى ، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقىنى نيتراللاشتۇرىدىغان ، يەنى ‹‹كىسلاتالىققا قارشى تۇرىدىغان دورىلار››ئىچىلىدۇ . بۇ خىل دورىلار ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىشىشىنى تېز سۈرئەتتە نيېتراللاشتۇرۇپ ، ئاشقازاننىڭ بىئارامسىزلىشىنى ياخشىلايدۇ . ئادەتتە تاماق يەپ بولۇپ بىر سائەت ياكى بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجراتما مىقدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا بۇ دورىلارنى ئىچكەندە ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ ، دورا ئۈنۈمىنى ئۈچ ، تۆت سائەت ساقلىغىلى بولىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۆپ خىل زۇكام دورىلىرىنى بىللە يىيىشكە بولمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .