فىنلاندىيە ئوۋلۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، تۇتقاقلىققا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلسا، ئاغرىقلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن

   ئوۋلۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تۇتقاقلىققا قارشى دورىلارنىڭ ئەر – ئايال ئاغرىقلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ ئاياللارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭراق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن


بۇنداق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئايال ئاغرىقلارنىڭ تېنىدىكى ھورموندا بىرقەدەر زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەيز قالايمىقانلىشىپ، جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

   تەتقىقاتچىلار: تۇتقاقلىققا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل دورا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇنداق كېسەلنىڭ ئۆزىمۇ ئاغرىقنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.


بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى ئاشقازان دورىسى ئىچىشتە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۈچ ۋاقىت توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .