ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻐﯩﻼ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ, ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 60℃ ﺗﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ:

1.ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ.

ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ, ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻓﯧﺮﻣﯧﻨﺖ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ, ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻓﯧﺮﻣﯧﻨﺖ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﺪﯗﺭ, ﺋﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﯧﭙﺴﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ, ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺋﺎﻣﯩﻼﺯﺍ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ, ﺗﺮﯨﭙﺴﯩﻦ, ﻳﯧﺌﺎﺳﺖ (ﺷﯩﻴﺎﯞﻣﯘ ﭘﯩﻴﻪﻥ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ 40℃ ﺗﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

2.ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦC, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦB1, ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦB2 ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ, ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﭗ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

3.ﻛﺎﭘﺴﯘﻟﻠﯘﻕ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ. ﻛﺎﭘﺴﯘﻝ ﻗﯧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻳﯧﻠﯩﻤﻰ, ﻛﺎﭘﺴﯘﻝ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯧﺮﯨﭗ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ, ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻣﯘ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ, ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ, ﻛﺎﭘﺴﯘﻟﻠﯘﻕ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ, ﺋﯘ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﯧﺮﯨﭗ, ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ, ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ, ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻙ, ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯚﯕﮕﻪﭼﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﭖ, ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ, ﻳﺎﺭﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻛﺎﭘﺴﯘﻟﻠﯘﻕ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

4. ﺷﯧﻜﻪﺭ ﻗﯩﻴﺎﻣﻰ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻳﯚﺗﻪﻝ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻗﯩﻴﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻴﺎﻣﻨﻰ ﺳﯘﻳﯘﻟﺪﯗﺭﯗﭖ, ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ, ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻤﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ-ﺩﻩ, ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ 37℃ ﺗﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ, ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

5. ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﭘﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ. ﺋﯜﭼﻘﺎﺕ, ﭘﻪﺭﺑﯘﻥ, ﺋﯘﺯﺑﻪﺭ, ﭘﯩﻨﻨﻪ , ﻳﺎﻟﭙﯘﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﯨﻘﻰ ﺑﺎﺭ , ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻕ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﭼﺎﻥ ﻣﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ, ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﯞﻩ ﺩﺍﻧﯩﭽﻪ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﺎﺭ, ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ  40℃ ~ 60℃ ﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

6. ﺋﺎﻣﻮﻛﺴﯩﺘﺴﯩﻠﻠﯩﻦ (ﺋﺎﻣﻮﺷﯩﻠﯩﻦ). ﺋﺎﻣﻮﻛﺴﯩﺘﺴﯩﻠﻠﯩﻦ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ, ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯧﺰ ﺋﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ, ﺋﯧﺮﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻮﻟﯧﻜﯘﻟﯩﻠﯩﻖ ﭘﻮﻟﯩﻤﯧﺮ ﭘﯧﻨﺴﯩﻠﯩﻦ (ﭼﯩﯖﻤﯧﻴﺴﯘ)ﺩﯨﻦ ﺭﯦﺌﺎﻛﺴﯩﻴﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.  ﺋﺎﻣﻮﻛﺴﯩﺘﺴﯩﻠﻠﯩﻦ (ﺋﺎﻣﻮﺷﯩﻠﯩﻦ) ﺩﺍﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ 40℃ ﺗﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺳﯘﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯩﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ, ﺑﯘ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ℃25 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. (ﺭﺍﮬﯩﻠﻪ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .