تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ

    كۆزگە تېمىتىدىغان دورا

    ئادەتتە كۆزگە تېمىتىدىغان دورىلارنى تېمىتىپ قويۇپلا كارىمىز بولمايدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، كۆزگە تېمىتىدىغان دورا بۇرۇن-ياش نەيچىسى ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىغا بارىدىكەن ياكى يۈزىگە ئېقىپ، تولۇق سۈمۈرۈلمەيدىكەن، شۇڭا كۆزگە تېمىدىغان دورىنى تېمىتىپ بولۇپ، كۆز چانىقىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە بېسىپ تۇرغاندا، بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ

    بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورا

    بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورا ئادەمنى سەل بىئارام قىلغاچقا، بىلىپ-بىلمەيلا بۇرۇننى تارتىپ قالىمىز. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورىنى ئىشلىتىپ بولۇپ بۇرۇننى تارتقاندا دورا كېكىردەككە كېتىپ دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىكەن، شۇڭا بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورىنى بۇرۇن دىۋارىغا تېمىتىش، دورىنى تېمىتقاندا يەنە بىر بۇرۇننى ئېتىۋالماسلىق كېرەك.

    قۇلاققا تېمىتىدىغان دورا

    قۇلاققا تېمىتىدىغان دورىنى ئادەتتە تېمىتىپ بولۇپلا، ئوڭدىسىغا ياتىمىز ياكى ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كېتىمىز، بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ قىلچىلىك ئۈنۈمى بولمايدىكەن، شۇڭا قۇلاققا تېمىتىدىغان دورىنى تېمىتىپ بولۇپ، ئىككى مىنۇتلارچە يېنىچە يېتىش كېرەك ئىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تادىن تۈرىدىكى دورىلار تارقىلىشچان زۇكامغا پايدا قىلىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .