امېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار 2007–ۋە 2008 –يىلى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان 2800 پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقنى داۋالاش خاتىرىسى( 801 ئاغرىق تادىن تۈرىدىكى دورىلارنى يىگەن) نى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى:

   ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار 2007–ۋە 2008 –يىلى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان 2800 پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقنى داۋالاش خاتىرىسى( 801 ئاغرىق تادىن تۈرىدىكى دورىلارنى يىگەن) نى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: دوختۇرخانىدا ياتقان ۋە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن تادىن تۈرىدىكى دورىلارنى يېگەن ئاغرىقلاردىن 17 سى قازا قىلغان( ئومۇمىي ئاغرىقنىڭ %2.1 ىنى ئىگىلەيدۇ) لىقى، بۇ خىل دورىلارنى يېمىگەن ئاغرىقلاردىن 64 ى قازا قىلغان ( ئومۇمىي ئاغرىقنىڭ %3.2 ىنى ئىگىلەيدۇ ) لىقى بايقالدى، بۇ بايقاش بەدەندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان تادىن تۈرىدىكى دورىلار پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.

   تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: گەرچە تادىن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ نىمىشقا پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدىغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىغانلارنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ.

 بەدەندىكى خولېستېرىن بىلەن بىرىكىپ، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان بۇ خىل دورا تارقىلىشچان زۇكام ئاغرىقلىرىنىڭ بەدىنىدىكى ياللۇغلارنى قايتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ كېسەللىك ۋىرۇسىغا قارشى زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تادىن تۈرىدىكى دورىلار يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىمۇ ئازايتىدىكەن، شۇڭا يۈرىكىدە مەسىلە بار ئاغرىقلار بۇ دورىنى يەپ بەرسە زىيىنى بومايدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زۇكام بولۇپ قالسىلا ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزۇش زىيانلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .