زۇكامداپ قىزىپ قالغانلار قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ، دورىنى ئاز ئىچىش پۈتۈن دۇنيا ئېتراپ قىلغان چارە لېكىن ھازىر كۆپىنچە دوختۇرخانا ۋە ئامبولاتورىيەلەر بۇنداق ئاغرىقلارغا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىر قانچە كۈن ئاسما ئوكۇل ئۇرىدۇ ھەتتا بەزىدە زۇكام بولۇپ قېلىپ قىزىمىسىمۇ ئوكۇل ئورۇشقا ئارانلا تۇرىدۇ ئەمەلىيەتتە زۇكام بولۇپ قالغانلارغا ئاسما ئوكۇل ئۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت جەھەتتىكى زىيانلىق تەرىپى بار


   قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان تومۇرغا كۆپ سۇيۇقلۇق كۆپىيىپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا قان بېسىمىنىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدۇ، يۈرەك-ئۆپكە ئاغرىقلىرى، قان بېسىمى يۇقىرى ياشانغانلارغا ئاسما ئوكۇلنىڭ چۈشۈشىنى تېزلىتىۋەتكەندە، يۈرەك زەئىپلىشىش، مېڭىگە قان چۈشۈش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

   ئادەتتىكى ئاسما ئوكۇل ئادەم كۆپ سىغىدىغان چوڭ ئۆيلەردە ئۇرۇلىدۇ، بۇنداق مۇھىتتا ئوكۇل ئۇرغۇزغاندا بىر-بىرىدىن يۇقۇملىنىش ياكى ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

   ئەمەلىيەتتە زۇكام ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدىغان كېسەللىك، نەزەرىيە جەھەتتىن داۋالىمىسىمۇ بولىدۇ، زۇكامغا دورا ئىچىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىمىقى پۈتۈش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، باش ئاغرىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى يېنىكلىتىش ئۈچۈنلا بولىدۇ، ئەگەر ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىشتىن قىزىتمىسى يانمىسا، يىرىڭلىق بەلغەم كەلسە، قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى ھەمدە نېيترال ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ نىسبىتى ئېشىپ كەتسە، ئاندىن ئانتىبىيوتىك دورىلار بىلەن داۋالانسا بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورىنىڭ ئۈنۈمى باھاسى بىلەن ئۆلچىنەمدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تادىن تۈرىدىكى دورىلار تارقىلىشچان زۇكامغا پايدا قىلىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .