بەزىلەر ئايروپىلانغا چىقىپلا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچسە ئايروپىلاندا كەيپىياتنى تۇ

بەزىلەر ئايروپىلانغا چىقىپلا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچسە ئايروپىلاندا كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى ھەم ياخشى ئارام ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئاسانلا بەزى ئىشلارنىڭ كۆرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى ئۇزۇن يوللۇق ئايروپىلاندا ئولتۇرۇش جەريانىدا يولۇچى تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچكەندىن كېيىن ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىپ، بەدىنى سۇسىزلىنىپ ۋە قېنى ئۇيۇپ، ئۇشتۇمتۇت ئۆپكە ئارتېرىيە توسۇلۇشى كۆرۈلىدۇ.

شۇڭا، يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ئاغرىقلىرى، قاندا ياغ تەركىبى يۇقىرىلار، قەنت كېسىلى بارلار ۋە سېمىز ياشانغانلار، بەدىنى ئاجىزلار ئۇزۇن يوللۇق ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچمەسلىكى كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاسپىرىننىڭ قېلىپلاشقان ئىشلىتىلىشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مۇرەككەپ يالپۇز تابلېتىنى ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .