ئېلىمىز يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان دۆلەت بولۇپ، ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 160 مىليون كىشى ھازىر بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار ئىكەن

 

يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىدىن بىرى يۈرەك–مېڭە قان تومۇرلىرى كاناللىرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش خاراكتېرلىك ھادىسىلەر (يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىقلار) نىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا مېيىپ بولۇش، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىسقىرىش بېسىمى 159–140 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى، 179–160 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ۋە 180 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى قان بېسىمى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئايرىم –ئايرىم ھالدا تۆت ھەسسە، 10 ھەسسە ۋە 25 ھەسسە كۆپ بولىدىكەن. شۇڭا قان نوكچىسى پەيدا بولۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنى داۋالاشتىكى مۇھىم نىشانلاردىن بىرىدۇر.

ئىسپاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ھەر كۈنى 100 مىللىگىرام ئاسپىرىن ئىستېمال قىلىش يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك سانجىقى ۋە مېڭە تىقىلمىسى كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك تۈردە ئالالايدىغان بولۇپ، ھەر ئۈچ نەپەر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلىرىدىن بىر نەپىرىنىڭ، ھەر تۆت نەپەر مېڭە تىقىلمىسى بىمارلىرىدىن بىر نەپىرىنىڭ شۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. شۇڭا ئاسپىرىن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنى داۋالاشتىكى ئاساسلىق دورىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   ئاسپىرىننى قايسى خىلدىكى يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئىچىپ بېرىشى كېرەك؟

   مۇتلەق كۆپ ساندىكى يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئاسپىرىن ئىشلىتىشى زۆرۈر بولسىمۇ، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى قان بېسىم بىمارلىرى چوقۇم ئاسپىرىن ئىشلىتىشى كېرەك. بىرىنچى تۈركۈم 50 ياشتىن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئىككىنچى تۈركۈم 50 ياشتىن تۆۋەن بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنى ھەمدە تۆۋەندىكىدەك خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خالىغان بىرىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭە تىقىلمىسى، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى، تاماكا چېكىش، سېمىزلىك، دىئابىت كېسىلى، جەمەتىدە يۈرەك كېسەللىكى تارىخى بارلار، قاندا ماي يۇقىرى بولغانلار.

   قوشۇمچە رېئاكسىيىسىنى ئازايتىش ئۈچۈن، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا يەنە يارا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، ئېغىر جىگەر كېسىلى، قان چىقىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئەگىشىپ كەلگەندە ئاسپىرىننى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان دورا ئىچىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ، قاننىڭ بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تۈردە كونترول قىلىشى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا بۇلوفېن (布洛芬) قاتارلىق دورىلار ئاسپىرىننىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئامال بار ئىككى دورىنى بىللە ئىچمەسلىك ياكى بولمىسا بۇلوفېننى ئىچىشتىن بۇرۇن ئاسپىرىننى ئىچىش كېرەك.

   ئاسپىرىننى كۈندە نەچچە قېتىم ئىچىش كېرەك؟

   يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ قان بېسىمىنىڭ ئەڭ نورمال ھالىتىنىڭ ئۆلچىمى 24 سائەتنىڭ ھەممىلا ۋاقتىدا نورمال ئۆلچەمگە يېتىش بولغانلىقتىن بىمارلار ئەڭ ياخشىسى كوڭ شىپيەن(控释片)، خۇەن شىپيەن (缓释片) قاتارلىق دورىلارنى ئىچىپ بېرىشى ياكى كۈندە بىر نەچچە قېتىم دورا ئىچىپ تۇرۇشى كېرەك. ئاسپىرىن بىلەن قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلار ئوخشىمىغانلىقتىن، ئاسپىرىننى بىر كۈندە بىر قېتىملا ئىچىش كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى:

   ئاسپىرىننىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى قان پلاستىنكىلىرىنى چەكلەش رولى بولۇپ، (بىر خىل قان سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇيۇشۇشقا مۇناسىۋەتلىك قان سۇيۇقلۇق تەركىب بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقى ئۇيۇشقاندىن كېيىن قان تومۇر كاناللىرىنى توسۇۋېلىپ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ) ئۇ قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئۆمرى تۈگەللەنگىچە (تەخمىنەن 10 كۈن ئەتراپىدا) داۋاملىشىدۇ. ئادەم بەدىنىدە %80 تىن كۆپرەك قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئىقتىدارى چەكلىنىشكە ئۇچرىغاندىلا ئاندىن مېڭە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ئادەم بەدىنىدە ھەر كۈنى تەخمىنەن 10/1 قىسىم قان پلاستىنكىلىرى يېڭىدىن پەيدا بولۇپ ئۆزىدە ئىقتىدار ھازىرلايدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى بىر قېتىم ئاسپىرىن ئىچىپ بەرگەندە ئاشۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان قان پلاستىنكىلىرىنى چەكلەپ، %90 تىن ئارتۇق قان پلاستىنكىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالماس قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا ئاسپىرىننى كۈندە پەقەت بىر قېتىم ئىچىپ بەرسىلا كۇپايە.

   ئاسپىرىننىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىچىلىش مىقدارى زادى قانچىلىك؟

   ئاسپىرىننى يۈرەك–مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلەتكەندە ئامال بار كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. 2002–يىلى ئەنگىلىيە تېببىي ژۇرنىلى دۇنيا بويىچە ئېلىپ بارغان 287 قېتىملىق تەجرىبە نەتىجىسىنى بىر پارچە ماقالىگە يىغىنچاقلاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ھەر كۈنى 150–75 مىللىگىرام ئاسپىرىن ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان. 75 مىللىگىرامدىن تۆۋەن بولغاندا ئۈنۈمىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولمىغان، مىقدارى 325 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتكەندە ئەكس تەسىرى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ بارغان. نۆۋەتتە ئاسپىرىننىڭ خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئىشلىتىش مىقدارى ھەر كۈنى 150–75 مىللىگىرام ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان.

   ئاسپىرىننىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىغا بولغان ئەكس تەسىرىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

   ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرىگە (مەسىلەن، يارا بولسا) نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاسپىرىننى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىش بىلەن بىللە دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك.

خەنزۇچە ‹‹ساغلاملىق ئوقۇشلۇقى›› ژۇرنىلىنىڭ 2009–يىللىق 9–سانىدىن ئېلىندى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياز پەسلىدە دورىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇزۇن يوللۇق ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچمەسلىك كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .