ياز پەسلىدە ھاۋا ناھايىتى ئىسسىپ كېتىدۇ، شۇڭا دورا ئىشلەتكەندە مۇنداق بىر نەچچە ن

 ياز پەسلىدە ھاۋا ناھايىتى ئىسسىپ كېتىدۇ، شۇڭا دورا ئىشلەتكەندە مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم: 


1.تەرلىتىش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك. ياز پەسلىدە ئادەم ئاسان تەرلەيدۇ، بۇ چاغدا تەرلىتىش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەندە تەر كۆپ چىقىپ بەدەن قۇرغاقلىشىپ شۈك بولۇپ قېلىش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن. 


2. قۇۋۋەت دورىلىرىنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك. ياز پەسلىدە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەر قۇۋۋەت دورىلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەندە، ئۇلاردا قۇرساق كۆپۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 


3. ياز پەسلىدە سىرتتىن دورا سۈركەپ داۋالانغاندا قاپارتما بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش. سىرتتىن دورا سۈركەش ئارقىلىق قاپارتما داۋالاش جۇڭگوچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، بىراق ياز پەسلىدە بەدەندىن تەر كۆپ چىقىپ تۇرغاچقا، بەدەن سىرتىدىكى باكتېرىيىنىڭ كۆپىيىشىمۇ بىر قەدەر تېز بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تېرە ئوڭايلا يۇقۇملىنىدۇ، زەخمىلىنىدۇ، شۇڭا بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى ياز پەسىلدە كۆپ ئىشلەتمەسلىك لازىم. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئائىلىلەردە دورا ساندۇقى ئىشلەتكەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاسپىرىننىڭ قېلىپلاشقان ئىشلىتىلىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .