ئائىلە دورا ساندۇقىدا دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر سىزگە تەكلىپىنى بېرىدۇ:

بىرىنچى، ئەڭ ياخشىسى پارچە دورىلارغا بەلگە كارتىسى ئورنىتىش، بەلگە كارتىسىنىڭ ئۈستىگە دورا ئىسمى ۋە ئىشلىتىش ۋاقتىنى يېزىش لازىم؛

 
ئىككىنچى، ئىچىدىغان ۋە سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماي، ئايرىپ ساقلاش، خاتا ئېلىپ قويۇش، خاتا ئىشلىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم؛ 


ئۈچىنچى، ئادەتتە كۈن نۇرىدىن خالىي قۇرغاق ئورۇندا ساقلاش كېرەك؛ 


تۆتىنچى، ئادەتتە ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە چوقۇم دورىلارنىڭ ۋاقتى ۋە ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك؛ 


بەشىنچى، دورىلار ئاساسەن دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رېتسېپلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، كونكرېت تۈرلىرىنى ئاۋۋال دوختۇر ۋە دورا دۇكانلىرىدىكى دورىگەرلەردىن مەسلىھەت سوراش لازىم؛ 


ئالتىنچى، ئائىلە دورا ساندۇقلىرىغا ئادەتتە تەستىقتىن ئۆتمىگەن شپىرىس، ۋىتامىن تىپىدىكى دورىلارنى سالماسلىق كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورا ئىچىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ياز پەسلىدە دورىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .