ئەتىيازدا ھاۋا قۇرغاقلىشىپ ، ئادەمنىڭ ئارانلا قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ شۇنداق چاغدا دورا دۇكانلىرىدىن ئىسسىقنى ياندۇرىدىغان دورىلارنى سېتىۋالىدۇ

ئەتىيازدا ھاۋا ئۆزگىرىشچان بولغاچقا ، بەدەندە فىزىئولوگىيىلىك تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ ، جىگەر ، ئۆت ، ئاشقازان ، ئۈچەيلەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ . قۇرۇق ئىسسىق ، سوغۇقتىن بولغان قۇرغاقلىق دەپ ئىككىگە بۆلىنىدىغان بولغاچقا ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان دورىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . 


گال قۇرۇپ ئاغرىغاندا : جۇخار گۈلى بىلەن ئۇچقات(金银花) دىن 10 گرام ، ھۆل چۈچۈك بۇيىدىن 6 گرامدىن ئېلىپ ، قايناق سۇدا دەملەپ ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ . 


چىش مىلىكى ئىششىپ ئاغرىغاندا : دىڭزىيا(牛黄) ئىسسىق ياندۇرۇش كومىلىچى ئىچسە بولىدۇ . ئەمما ئۇنىڭدىكى ئىسسىقنى باسقۇچ تەركىبىنىڭ ئىچ سۈرۈكنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ، قورسىقى ئاغرىپ ، ئىچى سۈرگەنلەر ئىچمەسلىكى لازىم . 


بەلغەملىك يۆتەلگەندە : بۆكەن ئۆپكە تازىلاش كۇمىلىچى ۋە <<خۇاڭيىڭ>> كاپسۇلىنىڭ خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر مۆتىدىل بولۇپ ، سوغۇق مىجەزلىكلەر ياكى تال ، ئاشقازىنى ئانچە ياخشى ئەمەسلەرگە ماس كېلىدۇ . 


تىل چاقىسى بولۇپ قالغاندا : <<خۇاڭليەن>>ئىسسىق قايتۇرۇش تابلېتى ، <<سەنخۇاڭ>> تابلېتى قاتارلىق دورىلارنى ئىچسە ياكى چاقا چىققان يەرگە تاۋۇز مەلھىمى ئىشلەتسە بولىدۇ . 


قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا : كۈنجۈت ، ياڭاق مېغىزىنى يانجىپ ، قورۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئىلمان قايناق سۇ قۇيۇپ ، كۈندە مۇۋاپىق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىلارغا دورا ئىچكۈزگەندە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورا ئىچىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .