ساغلاملىق ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر كۆپۈنچە كىشىلەر ئۆيىدە كۆپ خىل دورىلارنى ئېھتىيات ئۈچۈن زاپاس ساقلايدىغان بولدى ئادەتتە بىز بۇ دورىلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى دورىلارنىڭ ساقلىنىش مۇددىتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىساق، ئۇنى دەرھال ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋېتىمىز

 

چۈنكى بۇنداق دورىلارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى يوقالغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى داۋاملىق ئىشلەتسەك بەدەنگە ئەكىس تەسىر بېرىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى ئاددىي ھالدا، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى قاتارىدا ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاپ قويساق، بەزى يوشۇرۇن خېيىمخەتەرلەرنى پەيدا قىلىپ قويىشى مۇمكىن. بۇ خىل يوشۇرۇن خېيىمخەتەر بىرىنچىدىن، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

بەزى ئالاھىدە دورىلار، خالىغان يەرگە تاشلاپ قويۇلسا، بىر قىسىم كېسەللەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، پېنىتسىللىن ھاۋاغا تارقاپ كەتسە، پېنېتسىللىن زىيادە سېزىمچانلىقىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؛ يەنە بىر قىسىم پاراشۇكسىمان ياكى سۇيۇق ھالەتتىكى دورىلار تېرىگە يۇقۇپ قالسا، تېرىنىڭ قىزىرىپ ئېشىشىنى ھەتتا جاراھەتلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنىڭ ئىككىنچى خىل خېيىمخەتىرى مۇھىت بۇلغاش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق دورىلار گەرچە داۋالاش ئۈنۈمىنى يوقاتقان بولسىمۇ، زەھەرلىك تەسىرىنى يوقاتمىغان بولىدۇ، ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنىڭ تەركىۋىدىكى خىمىيىلىك ئېلېمىنېتلار، ھەتتا زەھەرلىك ماددىلار ھاۋاغا ياكى سۇ مەنبەلىرىگە تارىلىپ كەتسە، خېلى زور دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنىڭ ئۈچىنچى خىل خېيىمخەتىرى شۇكى، بەزى زەھەرلىك دورىلارنى چارۋا ياكى ئۆي قۇشلىرى يەۋالسا، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئۆلۈشى ياكى ئوزۇقلۇق زەنجىرى خاراكتېرىدىكى ئۇلانما زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 


  ئۇنداقتا، ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلار ئۈچۈن خۇددى كېرەكسىز باتارىيىلەرنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلغانغا ئوخشاش مەخسۇس يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش كېرەككەن.

نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى مەخسۇس يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلمىدى، پەقەت بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، نەنجىڭ قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردىلا ئالاقىدار تارماقلار ئاھالىلاردىن ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتكەن دورىلارنى قەرەرلىك ھالدا يىغىۋېلىۋاتىدۇ.

ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتكەن دورىلارنى مەخسۇس يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلمىغان شەھەرلەردىكى ئاھالىلار ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتكەن دورىلارنى تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئايرىپ يىغىپ ئۆز ئالدىغا ياخشى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

بۇنىڭ كونكىرت ئۇسۇلى مۇنداق: تابلېتكا دورا، كۇمىلاچ دورا ۋە كاپسۇللۇق دورىلارنى ئالدى بىلەن قەغەزگە ياخشى ئوراپ، ئېغىزى ھېم قەغەز يەشىككە سېلىپ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىلەن تۆكۈش كېرەك؛ كۈزگە تېمىتىدىغان دورا سۇيۇقلۇقى، بەدەن سىرتىغا سۈركىلىدىغان دورا، ئىچىدىغان دورا قاتارلىق سۇيۇق دورىلارنى ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرىۋەتمىگەن ئاساستا، پاسكىنا سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسىغا ئىقىتىۋېتىش كېرەك؛ مەلھەم دورىلارنى دورا قېپىدىن سېقىپ چىقىرىپ، كونۋېرتنىڭ ئېچىگە سېلىپ ئېغىزىنى ھېم ئەتكەندىن كېيىن تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىلەن بىرگە تۆكىۋېتىش كېرەك؛ پۈركىلىدىغان دورىلارنى ئۆي سىرتىدىكى ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى بولغان جايغا ئاپىرىپ، ھاۋاغا قويىۋېتىش لازىم؛ ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتكەن ھەر خىل ئوكۇل سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىۋەتمەي تاشقى قېپى بىلەن بىرلىكتە ئېغىزى ھېم قەغەز يەشىككە سېلىپ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىلەن بىرگە تۈكۈش لازىم. 


  ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئادەتتە ئائىلىلەردە ساقلىنىدىغان دورىلارنىڭ مىقدارى ۋە تۈرلىرىنى بەك كۆپ قىلىۋەتمەسلىكىمىز، ئېھتىياجىمىزغا تۇشلۇق ئاز مىقداردا ساقلىشىمىز لازىم؛ مۇشۇنداق قىلغاندا، دورىلارنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئىشلىتىپ، ساقلىنىش مۇددىتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدىغان بىھۇدە ئىسراپچىلىق، شۇنداقلا ساقلىنىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىلارنى قالايمىقان بىر تەرەپ قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يوشۇرۇن خېيىمخەتەرلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بوۋاققا دورا ئىچۈرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماق سىڭدۇرىدىغان تابلىتكىنى ئىككى كۈندىن ئارتۇق ئىچمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .