ۋىتامىن ھاياتلىقنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىدىن ئىبارەت گەرچە ئۇنىڭ ئېھتىياجلىق مىقدارى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن بەدەندە ئۇ كەمچىل بولغاندا تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئورگانىزمدا ۋىتامىن كەمچىل بولغاندا ئىپادىلىنىدىغان ئالامەتلەر تولىمۇ يەڭگىل بولىدىغانلىقتىن، كىشىلەر ۋىتامىن يېتىشمىگەن ھالەتتە تۇرۇۋاتسىمۇ بۇنى سېزەلمەيدۇ، بۇ ۋىتامىننىڭ يوشۇرۇن كەملىكى دەپ ئاتىلىدۇ.

تۇرمۇشتا بەزىلەردە ھېچ چۈشىنىپ بولمايدىغان ھالدا بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى، مەسىلەن، كەيپىياتى جىددىيلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، تېرىسى يىرىكلىشىش، چىش مىلىكى قاناش، بېشى ئېغىرلىشىش قاتارلىق كېسەللىك دەپ ئاتاشقا بولمايدىغان بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇلار سەللا چارچىغاندىن كېيىن، ماغدۇرسىزلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلىۋاتقانلىقىنى، روھسىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، يۈرىكىنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال بىردەم داۋاملاشقاندىن كېيىن، ھېچقانداق غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ: بەزىدە كىشىلەر بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلىشكە تۈپتىن ئامالسىز قالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەھۋاللار ۋىتامىننىڭ يوشۇرۇن كەملىكىنىڭ تىپىك ئالامىتىدىن ئىبارەت. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە مەسىلە بار ياكى زىيادە كۆپ بېسىمغا ئۇچرىغان بەزى ئادەملەردىمۇ ۋىتامىن كەملىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

يوشۇرۇن ۋىتامىن كەملىك كېسىلى ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدىكى تۇتۇق نوقتىدىن ئىبارەت. بەزى مۇتەخەسىسلەر تەخمىنەن ئۈچ ئادەمنىڭ بىرى يوشۇرۇن ۋىتامىن كەملىك ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرزە قىلماقتا. بولۇپمۇ ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان، تاماك چېكىدىغان، يېمەك-ئىچمىكى تەرتىپسىز، ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغانلارنىڭ يوشۇرۇن ۋىتامىن كەملىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.

گەرچە يوشۇرۇن ۋىتامىن كەملىك كېسىلى بەدەندە ئېنىق ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئەمما ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەشكە سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن، ۋىتامىن B1 يوشۇرۇن كەمچىل بولغان ئادەم قورسىقى كۆپكەندەك ھېس قىلىدۇ، قورسىقى ئاچقانلىقىنى سېزەلمەيدۇ. يوشۇرۇن كەملىك كېسىلىدە ئىپادىلىنىدىغان ئالامەتلەر تولىمۇ يەڭگىل بولغانلىقتىن، كىشىلەر تەرىپىدىن ئاسانلا سەل قارىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋىتامىن روشەن ھالدا يېتىشەلمەيدۇ-دە، نەتىجىدە بەدەندە ھەرخىل يېقىمسىزلىنىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.

ھەرخىل يوشۇرۇن ۋىتامىن كەملىك كېسىلىنى داۋالاشتا، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ۋىتامىن ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە ۋىتامىننىڭ داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان مىقدارى بەدەننىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجلىق مىقدارىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىر كۈندە زادى قانچىلىك ۋېتامىنغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بەلگىلىك ئۆلچەم يوق بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ.

ھەرقانداق بىر دورىگەرلىك قامۇسىنى ۋاراقلىسا، ھەرقانداق بىر دورا دۇكىنىغا كىرسە ۋىتامىننىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ. ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن، دورا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ۋىتامىننىڭ زەھەرلىك قوشۇمچە تەسىرى يوق.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بوۋاققا دورا ئىچۈرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .