كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلار قۇۋۋەت دورىسى، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم بولۇپ، قوشۇمچە تەسىرى ئاز، بىخەتەر دەپ قارىلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلارنى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى يېگەندەك خالىغانچە يەيدۇ

dohtur.com/uploadfile/2011/0106/20110106053048425.jpg" style="width: 400px; height: 266px; " />

ئىستېمال قىلىشى قانۇنىيەتسىز بولۇپ، بەزىدە تاماقتىن بۇرۇن يېسە، بەزىدە تاماقتىن كېيىن يەيدۇ. كۆپ ساندىكى دوختۇرلارمۇ ۋىتامىننى زادى قايسى ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىش كېرەكلىكىنى بىمارلارغا ئېنىق ئېيتمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشتىمۇ دورا ئىستېمال قىلىشقا ئوخشاشلا بەلگىلىك بەلگىلىمە، تەلەپ ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بولىدۇ. مۇتەخەسىسلەر، ئادەمنىڭ بەدەن قۇرۇلمىلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋىتامىنلارنى تېخىمۇ تولۇق قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئومۇمەن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىش لازىم، تاماقتىن بۇرۇن ياكى ئاچ قورساق چاغدا ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ كۆرسىتىدۇ.

سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ئاساسلىقى ئادەمنىڭ كىچىك ئۈچىيى تەرىپىدىن سۈمۈرىلىدۇ، ئەگەر ئاش قورساق چاغدا ياكى تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىنسا، ۋىتامىن تېزلا ئاشقازان ئۈچەي يولىدىن ئۆتۈپ، ئادەم بەدىنى تولۇق سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشتىن ئىلگىرىلا گەندە سۈيدۈك بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىپ ئىستېمال قىلىنغان ۋىتامىننىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ؛ ۋىتامىن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنسا ئاشقازان ئۈچەي يولىدا يېمەكلىك بولغانلىقتىن، ۋىتامىن ئاشقازان ئۈچەي يولىدىن ناھايىتى ئاستا ئۆتىدۇ-دە، بەدەنگە تولۇق سۈمۈرۈلۈپ، ئىستېمال قىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.

مەسىلەن: ۋىتامىن 1B، 2B ۋە ۋىتامىن 6B نى ئاچ قورساق چاغدا ئىستېمال قىلسا پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنسا بەدەنگە سۈمۈرۈلىش نىسپىتى مۇقىم بولىدۇ. بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى دورا مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۈز سىزىق بويىچە ئاشىدۇ.

ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار (مەسىلەن: ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E ) پەقەت ياغدا ئېرىگەندىلا ئاندىن ئاشقازان ئۈچەي شىللىق پەردىسى تەرىپىدىن سۈمۈرىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى جەزمەن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىش لازىم.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ياغدا ئېرىيدىغان ۋېتامىنلارنى ھەركۈنى 3 ۋاق ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ئاسانلىقچە سۈيدۈك بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ، ئەگەر ئۈچ تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنسا، ئۇ بەدەندە رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايدۇ.

دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن E نى سەھەردە يۈگۈرۈشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، ياكى سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى باشلاشتىن 6 سائەت بۇرۇن ئىستېمال قىلىش لازىم.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كالتسىي تابلېتكىلىرىنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %40تىن ئاشمايدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ۋىتامىننىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .