بەزىلەر دورىنى چاي بىلەن ئىچىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ چايدا كۆپ مىقداردا تاننىن كىسلاتاسى 单宁酸 بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك قورۇش رولىغا ئىگە

تاننىن كىسلاتاسى دورىدىكى ئاقسىل بىلەن ئاسانلا خىمىيىلىك رېئاكسىيىگە كىرىشىپ چۆكمە ھاسىل قىلىپ، دورىنىڭ ئۈنىمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە دورىدىكى تۆمۈرلۈك بىرىكمىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئېرىمەيدىغان تۆمۈر تاننىن كىسلاتا بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ.

يەنە ئۈچەي _ ئاشقازاننى غىدىقلاپ، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، فېرمېنتتىن ياسالغان دورىلار، ئاقسىللىق دورىلار ۋە قان كۆپەيتكۈچى دورىلارنى چاي بىلەن ئىچمەسلىك كېرەك.ئۇنىڭدىن سىرت، تاننىن كىسلاتاسى بىلەن بىئولوگىيىلىك ئىشقارلىق بىرىكمىلەرمۇ چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ.

شۇڭا، بىئولوگىيىلىك ئىشقارلىق بىرىكمىلەردىن ياسالغان دورىلارنىمۇ چاي بىلەن ئىچمەسلىك لازىم. چايدىكى كوففېئىن دورىنىڭ تورمۇزلاش رولىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا تىنىچلاندۇرغۇچى، ئۇخلاتقۇچى دورىلارنىمۇ چاي بىلەن ئىچمەسلىك لازىم.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۆتەل دورىسى ئىچمەڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كالتسىي تابلېتكىلىرىنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %40تىن ئاشمايدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .