يۆتەل بولۇپ قالغان كىشىلەر كېچىدىكى يۆتەل ئازاۋىنى يەڭگىللىتىپ ، ياخشى ئۇخلاش ئۈچۈن ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۆتەل توختىتىش دورىسى ئىچىدۇ ئەمىلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل خاتا

  يۆتەل دورىسى ئاساسەن يۆتەل مەركىزى ، نەپەس يولى رېتسېپتورى ۋە سەزگۈ نېرۋا ئۇچى ، يۆتەلنى تورمۇزلاش رېفلىكىسى قاتارلىقلارغا تەسىر قىلىدۇ. يۆتەل دورىسىنىڭ يۆتەل توختىتىش رولى بار بولسىمۇ، لېكىن نەپەس يولىدا بەلغەمنىڭ تۈرۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، نەپەس يولى ئوڭايلا توسۇلۇپ قالىدۇ.

ئادەم ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن، پاراسمفاتىك نېرۋىلارنىڭ قوزغىلىشچانلىقى ئېشىپ كېتىپ، كانايچە سىلىق مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشى، شۇنداقلا كانايچە بوشلۇقىنىڭ تارىيىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق تار كاناي بوشلىقىدا بەلغەم تېخىمۇ ئوڭاي توسۇلۇپ قېلىپ، ئۆپكىگە ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك، كككرەك بىئارام بولۇش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

شۇڭا يۆتەل بولۇپ قالغانلار يۆتەل توختۇتۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىچمەسلىكى، ئەگەر كېچىسى يۆتىلىپ ئۇخلىيالمىغاندا، نەپەس يولى مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىشى كېرەك . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورا ئىچكەندە سۇنى جىقراق ئىچىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورىنى چاي بىلەن ئىچمەسلىك كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .