ھەر قانداق دورىنى قۇرۇق يۈتمەسلىك كېرەك ، چۈنكى بەزى دورىلار كاپسۇللۇق دورىلار بولۇپ ، قىزىل ئۆڭگەچنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا چاپلىشىپ قېلىپ ، قىزىل ئۆڭگەچكە زەخىم يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن بولۇپمۇ قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى ياكى قىزىل ئۆڭەچ راكى بار بىمارلار بۇ ئىشقا


  تەكشۈرۈلۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، پەقەت بىر قوشۇق سۇ بىلەن دورىنى ئىستىمال قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە 60% تىدە دورا ئاشقازانغا كىرمەي پەقەت قىزىل ئۆڭگەچكە چاپلىشىپ قېلىپ ، شۇ جايدا ئېرىپ ئاستا ئاستا ئاشقازانغا ئېقىپ كىرىدۇ . بۇ جەرياندا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى ، ئېغىرراقلىرى قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

شۇڭا دورا يىگەندە سۇنى يېتەرلىك كۆپرەك ئىچىش كېرەك . بۇ ئارقىلىق دورىنىڭ تېزرا ئاشقازانغا كىرىپ ، ئاشقازان -ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسى بولىدۇ . شۇڭا ئادەتتە دورا يىگەندە 200~300 مىللىلېتىر سۇ ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورا ئىچكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۆتەل دورىسى ئىچمەڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .