بەزىلەر دورا ئىچكەندە تابلېتكىلارنى ياكى كۇمىلاچ دورىلارنى سۇ بىلەن ئىچمەي، قۇرۇق يۇتۇۋېتىدۇ بۇ ناھايىتى ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ


بەزى تابلېتكىلار ۋە كومۇلاچ دورىلارنىڭ غىدىقلاش تەسىرى بولۇپ، قۇرۇق يۇتقاندا قىزىلئۆڭگەچكە چاپلىشىپ قېلىپ، ئېرىگەندىن كېيىن قويۇقلۇقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئېرىتمە ھاسىل بولۇپ، قىزىلئۆڭگەچنى بىۋاستە غىدىقلايدۇ ۋە چىرىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، قىزىلئۆڭگەچتە سۇلۇق ئىششىق، ھەتتا يارا پەيدا بولىدۇ. 

ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دورا ئىچكەندە، سۇ ئىچمەي تۇرۇپلا ئۇخلىماسلىق لازىم. چۈنكى، دورىنىڭ قىزىلئۆڭگەچكە چاپلىشىپ تۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا، قىزىلئۆڭگەچ يارىسىنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا دورا ئىچكەندە، مۇۋاپىق مىقتاردا ئىلمان قايناق سۇ ئىچىپ، دورىنىڭ قىزىلئۆڭگەچتە يامان تەسىر پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم

ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورىلىق ھاراقنى قالايمىقان ئىچىشكە بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورا ئىچكەندە سۇنى جىقراق ئىچىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .