يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دورا ئىشلىتىشتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

   قوش ئۈنۈمگە ئىگە دورىلارنى تاللاش . بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئىمكانقەدەر قوش ئۈنۈمگە ئىگە يۇقىرى قان بېسىم دورىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك.كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ دورا ئىشلىتىش.ئوخشىمىغان دەۋىردىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر–يېنىكلىكىگە ئاساسەن،نۆۋەتتە قايسى خىل كېسەللىكنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى،قايسىسىنىڭ قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك.شۇ ئاساستا ئاساسىي ئورۇندىكى كېسەللىككە نىسپەتەن دورا ئىشلىتىشنى ئۈزۈپ قويماي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش،قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدىغان كېسەللىككە نىسپەتەن ئارىلاپ-ئارىلاپ دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
 
    ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش . يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئىمكانقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك.ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلار بىر تەرەپتىن ئۈنۈملۈك دورىلىق تەركىبلەرنى ئاستا-ئاستا قويۇپ بېرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ،دورىنىڭ تۇراقلىقىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشتە ياخشى رول ئوينايدۇ؛يەنە بىر تەرەپتىن ئاستا ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى ئىچىش مىقدارى،قېتىم سانى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا،بىمارلارنىڭ دورىدىن قورقۇش پىسخىكىسىنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.بۇ خىل دورىلارنى بىمارلارمۇ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
 
    دورا ئىچىش ۋاقتىنى توغرا ئىگەللەش.قىسقا ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى كۈندە كۆپ قېتىم ئىچكەندىلا،ئاندىن داۋالاش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؛ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى كۈندە بىر قېتىم ئىچسىلا بولىدۇ.قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئەتتىگىنى ئاچ قورساققا ئىچىش،قان مېيىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى كەچلىك تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىش،قان پىلاستىنكىلىرىغا قارشى دورىلارنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچىش كېرەك. مۇشۇنداق دورا ئىچىش ۋاقتىنى توغرا ئىگىلىۋالغاندىلا،دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىش،كۆپ ئىچىۋېلىش ھادىسلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
 
    قوشۇمچە دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك.كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ياكى كېسەللىك ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى داۋالىنىش مەزگىلىدە،بىر قانچە خىل دورا ئىچىۋاتقان بولسا،مەلۇم مەزگىل ئىچىدە يەنە باشقا قوشۇمچە دورىلارنى ئىچمەسلىكى كېرەك.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان دورا ۋە يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دورىلىق ھاراقنى قالايمىقان ئىچىشكە بولمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .