يېمەكلىك بىلەن دورا كۆپ ھاللاردا ئۆز – ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ دورا بىلەن يېمەكلىكنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، بەزى يېمەكلىكلەر دورىنىڭ شىپا قىلىش ئۈنۈمىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپلا قالماي، ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن

 شۇڭا قايسى خىل دورىلار بىلەن قايسى خىل يېمەكلىكلەرنى بىللە يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش زۆرۈر.
 
    1. ئاغرىق توختىتىش دورىسى (سومېدون چۈتۇڭپيەن)نى تۇزلانغان كۆكتات بىلەن يېيىشكە بولمايدۇ. تۇزلانغان كۆكتات، بېلىققا ئوخشاش يېمەكلىكلەر ئاغرىق توختىتىش دورىسى تەركىبىدىكى پىرامىدون (ئەنجىبىلىن)نىڭ رولى بىلەن بىرلىشىپ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئاممۇنىي نىترىت (ياشياۋئەن)نى پەيدا قىلىدۇ.
 
   2. سىنك سۇلفات تابلېتكىسى (ليۇسۇەنشىنپيەن)نى بولكا بىلەن بىللە يېيىشكە بولمايدۇ. بۇ دورىنىڭ تەركىبىدە سىنك بولۇپ، ئۇنى بولكا بىلەن يېگەندە، سىنكنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
 
  3. رىفامپىتسىن (لىفۇپىڭ)، فلاگىل (ميېدىلىڭ)غا ئوخشاش دورىلارنى كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى بىلەن بىللە ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى كالا سۈتىگە ئوخشاش ئىچىملىكلەر رىفامپىتسىنغا ئوخشاش دورىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كېچىكتۈرىدۇ.
 
  4. ئېرىترومىتسىن (خۇڭمېيسۇپيەن) تابلېتكىسىنى ئاچچىقسۇ بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئېرىترومىتسىن pH نىڭ قىممىتى يەتتە بولغاندا ئەڭ تۇراقلىق بولىدۇ، ئىشقارلىق مۇھىتتا ئۇنىڭ باكتېرىيىگە قارشى رولى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ؛ pH نىڭ قىممىتى تۆت بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ باكتېرىيىگە قارشى رولى ئاساسەن يوقايدۇ. ئاچچىقسۇ ئېرىترومىتسىن (خۇڭمېيسۇپيەن)نىڭ ئاشقازاندا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى تېزلىتىپ، باكتېرىيىگە قارشى رولىنى يوقىتىدۇ.
 
 5.  قالقانسىمان بەزگە شىپالىق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا، سېرىق پۇرچاق، تۇرۇپ، يېسىۋىلەك قاتارلىقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى، بۇنداق يېمەكلىكلەر قالقانسىمان بەز ھورمونىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توسىيدۇ.
 
 6. فۇراكسون (لىتېلىڭ)، مۇرەككەپ سولفامېتوكسازول (فۇفاڭشىننومىڭ) قاتارلىقلارنى ئاچچىقسۇ، مېۋە شىرنىسى قاتارلىق چۈچۈمەل نەرسىلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار سولفانىلامىد (خۇاڭئەن) تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ئېرىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، سۈيدۈك يولىدا سولفانىلامىد (خۇاڭئەن) پارچىلىرىنى پەيدا قىلىپ، سۈيدۈك توسۇلۇش ياكى قان سىيىشنى پەيدا قىلىپ، ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدۇ.
 
 7. تۇبېركۇليوزغا قارشى رىمىفون (يىيەنجىڭ)نى ئىستېمال قىلغاندا، ئىرىمچىك، پۇرچاق تۈرلىرى، پىۋا، بېلىق گۆشى تۈرلىرىگە ئوخشاش تىرامىنلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، تىرامىن دورا بىلەن رىئاكسىيىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ، ئىرىمچىك ۋە بېلىق گۆشى تۈرلىرى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رىمىفون (يىيەنجىڭ)نى ئىستېمال قىلغاندا، سۈت قوشۇلغان كەمپۈت ۋە شېكەر قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق يېمەكلىكلەر رىمىفون (يىيەنجىڭ)نىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولۇپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
 
 8. ۋىتامىن Kنى ئىستېمال قىلغاندا، تەركىبىدە ۋىتامىن C كۆپرەك بولغان ئالما، دولانە، چىلان قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ۋىتامىن C ۋىتامىن K نى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ ۋە پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
 
 9. مېۋە كىسلاتاسى يۇقىرى بولغان ئۈزۈم، ئاپېلسىن، ئاق تۇرۇچقا ئوخشاش، مېۋىلەرنى كالا سۈتى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. مېۋە كىسلاتاسى كالا سۈتىدە قېتىشما ماددىلارنى پەيدا قىلىپ، قورساقنى كۆپتۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى ناچارلاشتۇرىدۇ.
 
10. جۇڭيى دورىلىرىدىن رەۋەن (داخۇاڭ)، سېڭىر تاش قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا، كۇلى بېھىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى كۇلى بېھىسى دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
 
11. قان ئازلىق كېسىلى بارلار فېرروئۇس سۇلفات (ليۇخۇاڭياتيې)نى ئىستېمال قىلغاندا چاي ئىچمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، چاي تەركىبىدە بىئولوگىيىلىك ئىشقار ماددىلار بولغانلىقتىن دورا تەسىر كۈچىنى يوقىتىدۇ.
 
12. قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان دورا ئىئوتونىل (يۇۋجياڭنىڭ)نى ئىستېمال قىلغاندا، يىسسى پۇرچاق، بانان، ئىرىمچىككە ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق يېمەكلىكلەردە تىرامىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، تىرامىن قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
 
13. ئاسپىرىن، رىمىفون (يىيەنجىڭ)، بروفېن (بۇلوفېن)، نورفلوكساتسىن (فوپەيسۇەن) قاتارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا، شېكەر ياكى باشقا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، شېكەر مۇشۇ خىلدىكى دورىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى توسىيدۇ.
 
14. فۇراكسون (لىتېلىڭ)، رىفامپىتسىن (لىفۇپىڭ)، تولبۇتامىد (جياڭخۇاڭدىڭنياۋ)، ئاسپىرىن قاتارلىق دورىلارنى ھاراق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، قاتتىق زەھەرلىنىش پەيدا بولىدۇ. بۇنداق دورىلارنىڭ قوشۇمچە زەھەرلەش تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كۆڭۈل ئېلىشىش، ياندۇرۇشنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا يەنە باش قېيىش، باش ئاغرىشنى پەيدا قىلىپ، جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭغا، ھاراقنىڭ قوشۇمچە زەھەرلەش تەسىرى قوشۇلسا، بۇنداق ئەھۋال ئېغىرلىىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاراق ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
 
15. ماغدۇرسىزلىق، بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دورا ئىچكەندە، ماش ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. ماش سوغۇققا مايىل بولۇپ، تال ۋە ئاشقازىنى سوغ ئېلىپ كەتكەن، بەدىنى ئاجىز ئاغرىقلارغا پايدىسىز. ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي يەللىكى، پۇت – قول بوغۇملىرى مۇزلاپ ئاغرىيدىغان، ئۇيۇشىدىغان، ھەرىكىتى قۇلايسىز، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە ئوخشاش بەدەن ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، جۇڭيى دورىسى بىلەن داۋالىنىۋاتقانلار ماش ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك. ماش دورىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەش تىپىدىكى دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندىمۇ، ماش ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
 
16. جۇڭيى دورىسىغا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بىرىنچى، جۇڭيى دورىسىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، شېكەر، بولۇپمۇ قارا شېكەرنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىق ئېلېمېنتلار ۋە باشقا تەركىبلەر كۆپرەك بولۇپ، بۇلار دورا تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە ئاشلىغۇچى ماددىلارغا ئوخشاش تەركىبلەر بىلەن بىرلەشكەندە، خىمىيىلىك رىئاكسىيە پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە، دورا سۇيۇقلۇقىدىكى بەزى تەركىبلەر قېتىشىۋېلىپ، چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ. بۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى سالامەتلىككىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ؛ ئىككىنچى، قىسمەن دورىلار ئۆزىدىكى قىرتاق تەمى بىلەن ھەزىم قىلىش بەزلىرىنىڭ ئاجراتما چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسەتكەندىلا، شىپالىق ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، شېكەر مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، قىزىتمىنى ياندۇرىدىغان بەزى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىگە توسالغۇ بولىدۇ، ئايرىم دورىلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، مەسىلەن: كۇچۇلا ئىنتايىن ئاچچىق بولۇپ، ئۇنىڭغا شېكەر قوشۇلسا، ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا زۇكام دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دورا ئىشلىتىشتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .