تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە ، دورا ئىچىش ھالىتى دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغا

   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە ، دورا ئىچىش ھالىتى دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلار دورىنى ئامال بار ئولتۇرۇپ ئىچىشى ، ئادەتتىكى ئاغرىقلار دورىنى ئاز دېگەندە 100 مىللىلىتىر سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ بىلەن ئىچىشى ، دورا ئىچكەندە ئاز دېگەندە 90 سېكۇنت ئۆرە تۇرۇشى كېرەك ئىكەن ، شۇنداق قىلغاندا دورا ياخشى تەسىر قىلىدىكەن .

ئەمما بىمارلار دورىنى ئۆرە تۇرۇپ ئىچمەسلىكى كېرەك ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، دورىنى ئامال بار ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچىش كېرەك ئىكەن ، ئۇنداق بولمىغاندا ، دورىنىڭ ئاشقازاندا پارچىلىنىپ قانغا ئۆتۈشى ياخشى بولمايدىكەن .
 
ئابدۇۋەلى تەييارلىغان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قۇۋۋەت دورىلىرىنى قانداق ۋاقىتتا ئىچىش كېرەك ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زۇكام دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .