شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللەرنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رەيھان باھاۋۇدۇن مۇنداق دېدى: A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ماھىيىتى ئۆزگەرگەن ئېغىر زۇكام بولۇپ، ئاھالىلەر جىددىيلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ

   رەيھان باھاۋۇدۇن مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيانقى دىئاگنوز قويۇش جەريانىدا ئاھالىلەرنىڭ A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەزى بىر خاتا قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، تۆۋەندە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىمىز:

بىرىنچىدىن، ئوسما يىلتىزى ( A ( 板蓝根 تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن گۇمان قىلغانلار قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىشى كېرەك؛

ئىككىنچىدىن، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ ئايرىپ داۋالىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بەدەن قىزىتمىسى ℃38.5 تىن يۇقىرى بولغان بىمارلار بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا كېلىپ ئايرىپ داۋالانسا بولىدۇ؛

ئۈچىنچىدىن، ھازىر A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالايدىغان ئالاھىدە شىپالىق دورا يوق، ئۆز ئالدىغا ئايرىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارلار دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە ۋىروسقا قارشى دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ، كېسەللىك ئالامىتىدە ياخشىلىنىش بولمىسا، دەرھال دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك؛

تۆتىنچىدىن، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش مىساللىرى كۆرۈلگەن، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى مۇۋاپىق بولسا، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ؛

بەشىنچىدىن، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام SARS قا ئوخشىمايدۇ، ھاۋا ئارقىلىق تارقالمايدۇ، ئاساسلىقى چاچراندى ۋە ئاجرالمىلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكام|H1N1|ئوسما يىلتىزى|板蓝根

ئالدىنقى ماقالىمىزدا دورا ئىچكەندىكى قايناقسۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قۇۋۋەت دورىلىرىنى قانداق ۋاقىتتا ئىچىش كېرەك ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .